بۇركىنا فاسودا قايتىدىن جىددىي ھالەت ئېلان قىلىنىدۇ

بۇركىنا فاسودا تېررورىزمغا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە دۆلەت مىقياسىدا قايتىدىن جىددىي ھالەت ئېلان قىلىنىدۇ.

1810974
بۇركىنا فاسودا قايتىدىن جىددىي ھالەت ئېلان قىلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇركىنا فاسو ئەدلىيە مىنىستىرى بارتھېلېمېي كېرې، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا ئېلان قىلغان باياناتىدا، 24-يانۋاردىكى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن توختىتىلغان جىددىي ھالەتنىڭ دۆلەت مىقياسىدا قايتىدىن ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى، تېررورىزمغا قارشى تېخىمۇ ئاكتىپ كۈرەش قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايدىغان جىددىي ھالەتنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ئۈچۈن يېڭى بىر قارارنامە چىقىرىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئۇ، بۇركىنا فاسوغا قوشنا دۆلەت مالىدىكى ئەلقائىدە ۋە دائېشقا چېتىشلىق تېررورچى گۇرۇپپىلارنىڭ، 2015 – يىلدىن بۇيان بۇركىنا فاسونىڭ شىمالىي ۋە شەرقىي قىسىملىرىدا پات – پات تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

بۇركىنا فاسو ھۆكۈمىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، مەزكۇر گۇرۇپپىلارنىڭ 2015 – يىلدىن تارتىپ 2021 – يىلى دېكابىرغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ھۇجۇملىرىدا، 600 ى ئامانلىق ساقلىغۇچى بولۇپ، جەمئىي 2 مىڭ كىشى جېنىدىن ئايرىلغان.

ھۇجۇملار سەۋەبىدىن، 3 مىڭ 683 مەكتەپ تاقالغان، 1 مىليون 814 مىڭ 283 كىشى ئۆي – ماكانلىرىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر