ئىتالىيە باش ئەلچىخانىسىنى قايتىدىن پايتەخت كىيېۋغا يۆتكەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى
ئىتالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لۇيىگى دى مايو ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇش سەۋەبىدىن ئالدىنقى ئايدا لۋىۋغا كۆچۈرۈپ كەلگەن باش ئەلچىخانىسىنى قايتىدىن پايتەخت كىيېۋغا يۆتكەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دى مايو ئىتالىيە مەتبۇئاتلىرىغا بەرگەن باياناتىدا، «ھۆكۈمەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن كىيېۋدىكى باش ئەلچىخانىمىزنى قايتىدىن ئېچىشنى قارار قىلدۇق» دېدى.
دى مايو روسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا تىنچلىقنى بەرپا قىلىشنىڭ بىردىنبىر يولىنىڭ «دىپلوماتىك ھەل قىلىش چارىسى» ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ، ياۋروپالىق شېرىكلىرى بىلەن بىرگە كىيېۋدە بولۇشىنىڭ تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئىتالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەلچىخانىنىڭ خىرىستىيان دۇنياسى تەرىپىدىن تەبرىكلىنىدىغان پاسخا بايرىمىدىن كېيىن كىيېۋدا پائالىيەت باشلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
دى مايو ئىتالىيەنىڭ ئۇرۇش باشلانغاندىن كېيىن كىيېۋدىن ئەڭ ئاخىرىدا ئايرىلغان ۋە ئەمدىلىكتە ئەڭ باشتا قايتىپ كەلگەن دۆلەتلەردىن بىرى بولغانلىقىنى ئېيتتى
ئىتالىيە 24 – فېۋرالدا روسىيە ئەسكەرلىرى ئۇكرائىناغا ئۇرۇش باشلىغانلىقى سەۋەبىدىن، كىيېۋدىكى باش ئەلچىخانىسىنى 1 – مارتتا دۆلەتنىڭ غەربىدىكى لۋىۋغا يۆتكىگەن ئىدى.