ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەگە قارىتىلغان ئېمبارگولارنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتتى

ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەگە قارىتىلغان «ئېمبارگو تىزىملىكى» گە 217 كىشى بىلەن 18 ئورگاننى ئىلاۋە قىلدى.

1809731
ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەگە قارىتىلغان ئېمبارگولارنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا بىلدۈرۈشىچە، رۇسىيەگە قارىتىلغان «ئېمبارگو تىزىملىكى» گە ئىلاۋە قىلىنغان 217 كىشى ئىچىدە، كىرېمىل سارىيىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى، موشې كانتور، بورىس روتېنبېرگ ۋە ئولېگ دېرىپاسكا قاتارلىق ئولىگارخلار، ئېنېرگىيە، پۇل-مۇئامىلە، ئاخبارات، مۇداپىئە ۋە قورال-ياراغ سانائىتى قاتارلىق مۇھىم ئىقتىسادىي ساھەدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى كارخانىچىلار  ۋە «تەتۈر تەشۋىقاتلارنى ئىلگىرى سۈرگۈچىىلەر» مۇ بار ئىكەن.

ئىلگىرى ئېمبارگو يۈرگۈزۈلگەن كىشىلەرنىڭ بۇنىڭدىن ئۆزلىرىنى قاچۇرۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، «ئېمبارگو تىزىمنلىكى» گە ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرىمۇ كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇلار ئارىسىدا، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ قىزلىرى مارىيا ۋىلادىمىروۋنا ۋورونتسوۋا ۋە ئېكاتېرىنا ۋىلادىمىروۋنا تىكخونوۋامۇ بار ئىكەن.

بۇ تىزىملىككە يەنە، ئاتالمىش ​​«دونېتسىك خەلق جۇمھۇرىيىتى» ۋە «لۇھانسك خەلق جۇمھۇرىيىتى» نىڭ مىنىستىرلىرى ۋە «خەلق كېڭىشى» نىڭ ئەزالىرىمۇ كىرگۈزۈلگەن.

«ئېمبارگو تىزىمنلىكى» گە كىرگۈزۈلگەن 18 ئورگاننىڭ ئىچىدە، قاتناش ساھەسىدە پائالىيەت  ئېلىپ بېرىۋاتقان رۇسىيەنىڭ تۆت چوڭ بانكىسى (Bank Otkritie, Novikombank, Sovcombank, VTB)، ھەمدە ئۇرۇش تېخنولوگىيەسى  ياكى مەھسۇلاتلىرى بىلەن ئۇرۇشتا مۇھىم رول ئويناۋاتقان ھەربىي – مۇداپىئە ساھەسىدىكى شىركەتلەرمۇ بار ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر