ياۋروپا پارلامېنتى ئۇكرائىنالىق مۇساپىرلارغا ياردەم بېرىش قارارىنى تەستىقلىدى

ياۋروپا پارلامېنتى ئۇكرائىنالىق مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلغان ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرگە 3 مىليارد 400 مىليون ياۋرو ياردەم بېرىش قارارىنى تەستىقلىدى.

1809282
ياۋروپا پارلامېنتى ئۇكرائىنالىق مۇساپىرلارغا ياردەم بېرىش قارارىنى تەستىقلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيەنىڭ ستراسبۇرگ شەھىرىدە چاقىرىلغان ياۋروپا پارلامېنتى ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنىدا، 24-فېۋرال رۇسىيە قوزغىغان ئۇرۇش سەۋەبىدىن ئۆز دۆلىتىدىن ئايرىلغان ئۇكرائىنالىق مۇساپىرلارنى كۈتۈۋالغان ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرگە 3 مىليارد 400 مىليون ياۋرو ياردەم بېرىش مەزمۇن قىلىنغان قارار، 1 گە قارشى 549 ئاۋاز بېلەت بىلەن قوبۇل قىلىندى، 8 پارلامېنت ئەزاسى ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچتى.

قاراردا،  3 مىليارد 400 مىليون ياۋرونىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى فوندىدىن ئاجرىتىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

مەبلەغنىڭ 45 پىرسەنتىنىڭ، ئۇكرائىناغا قوشنا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ۋېنگىرىيە، پولشا، رۇمىنىيە ۋە سىلوۋاكىيەگە، ھەمدە نوپۇسلىرىنىڭ % 1 تىدىن كۆپرەك مۇساپىر قوبۇل قىلىدىغان ئاۋسترالىيە، بۇلغارىيە، چېخىيە ۋە ئېستونىيەگە، كېچىكتۈرمەستىن ۋە ھېچقانداق تالون تاپشۇرماستىن ئەۋەتىلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر