فىرانسىيە گۇگۇلغا 150 مىليون ياۋرولۇق پۇل جازاسى بەردى
فىرانسىيەدە سوت مەھكىمىسى رىقابەت ئورگىنى تەرىپىدىن گۇگۇلغا بېرىلگەن 150 مىليون ياۋرولۇق پۇل جازاسىنى ماقۇللىدى.
1809234

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىزدەش موتورلىرىدىكى ئېلان بەرگۈچىلەرنىڭ رىقابىتىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى سەۋەبلىك، فىرانسىيە رىقابەت ئورگىنىنىڭ، 2019-يىلى ئىنتېرنېت تورى ماگناتى گۇگۇلغا بەرگەن 150 مىليون ياۋرولۇق پۇل جازاسى مۇئەييەنلەشتى.
پارىژ ئەرزى سوتى گۇگۇلغا بېرىلگەن ھۆكۈمنى ماقۇللىدى.
گۇگۇل شىركىتى، ئېلان بەرگۈچىلەرگە «ئوچۇق – ئاشكارا بولمىغان ۋە چۈشىنىكسىز» پىرىنسىپلارنى زورلاپ تېڭىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بۇ ساھەدىكى يېتەكچى ئورنىنى سۇيىئىستېمال قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتاتتى.
گۇگۇلنىڭ بۇ قارار توغرىسىدىكى باياناتىدا، شىركەتنىڭ پىرىنسىپلىرىنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن پىرىنسىپلىرىغا بەزى ئۆزگەرتىشلەرنى كىرگۈزگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.