ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەگە نېفىت ئېمبارگوسى يۈرگۈزۈش مەسىلىسىدە يىغىن چاقىرىدۇ

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە بىخەتەرلىك ئىشلىرى سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بورېل، ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ موسكۋاغا قارىتىلغان جازالارنىڭ رۇسىيەنىڭ نېفىتى ئېمبارگوسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېىلىشى مەسىلىسىدە يىغىن چاقىرىدۇ.

1808689
ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەگە نېفىت ئېمبارگوسى يۈرگۈزۈش مەسىلىسىدە يىغىن چاقىرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بورېل، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتنىشىش ھارپىسىدا، يېقىندا ئۇكرائىنادا زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئۇكرائىنانىڭ نۆۋەتتە ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقىنى تېخىمۇ ئاز ئالقىش، تېخىمۇ كۆپ قورال – ياراغتۇر. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئاخىرقى ئېمبارگو لايىھەسىنى بۈگۈن ماقۇللىشى كۈتۈلۈۋاتىدۇ. موسكۋاغا قارىتىلغان جازالارنىڭ رۇسىيەنىڭ نېفىتى ئېمبارگوسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېىلىشى مەسىلىسى، 11 – ئاپرېل كۈنى چاقىرىلىدىغان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.»

ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئالدىنقى كۈنى رۇسىيەدىن كۆمۈر سېتىۋېلىشتا يىلىغا 4 مىليارد ياۋرو قىممىتىدە ئىمپورت چەكلىمىسى قويىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر