ياپونىيە رۇسىيەنى ئۇرۇش جىنايىتى بىلەن جازالاشنى تەلەپ قىلدى

ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئۇكرائىنادا پۇقرالارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنى قاتتىق ئەيىبلەپ، رۇسىيەنىڭ «ئۇرۇش جىنايىتى» سەۋەبىدىن جازاغا تارتىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

1808603
ياپونىيە رۇسىيەنى ئۇرۇش جىنايىتى بىلەن جازالاشنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە ئىچكى كابىنېتىنىڭ باش كاتىپى ماتسونو خىروكازۇ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، «رۇسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئۇكرائىنادا پۇقرالارنى ئۆلتۈرگەنلىكى» توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ياپونىيە ھۆكۈمىتىنى «ھەيران قالدۇرغانلىقىنى» ۋە بۇ قىلمىشلارنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىگۇناھ پۇقرالارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنى «خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىنىشى» دەپ ئاتاپ، «پاكىتلارنىڭ ئاشكارىلىنىشى ۋە رۇسىيەنىڭ ئۇرۇش جىنايىتى سەۋەبلىك جازاغا تارتىلىشى» نى تەلەپ قىلدى.

ياپونىيەنىڭ 7 – گ گۇرۇھى دۆلەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقانلىقى ۋە خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن ماس قەدەمدە ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلغان  خىروكازۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ پوزىتسىيەسىنى ئەندىشە ئىچىدە كۆزىتىۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.

ئۇ ياپونىيەنىڭ، ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋلودىمىر زېلېنىسكىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە خىتاب قىلغاندا ئەسكەرتىش بەرگەن «خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قۇرۇلمىسىدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش تەلەپلىرى» دائىرىسىدە، ئىسلاھات پائالىيەتلىرىنى قوللايدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئۇكرائىنا ئارمىيەسى پايتەخت كىيېۋغا يېقىن بۇچا شەھىرىنى 1-ئاپرېل كۈنى رۇسىيە كۈچلىرىدىن ئازاد قىلىپ شەھەرگە كىرگەندە، بىنالارنىڭ ۋەيران بولۇپ كەتكەنلىكىنى، كوچىلارنىڭ جەسەتلەر بىلەن تولۇپ تاشقانلىقىنى كۆرگەنىدى.

كىيېۋ ئەتراپىدىكى ئازاد قىلىنغان ئولتۇراق رايونلىرىدا 410 پۇقرانىڭ جەسىتى تېپىلغانىدى.

رۇسىيە، پۇقرالارنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى توغرىسىدىكى دەۋالارنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما 19-مارت سۈنئىي ھەمراھ شىركىتى ماكسار تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق تارتىلغان فوتو سۈرەتلەردە، كوچىلاردا جەسەتلەرنىڭ بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەنىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ھۆكۈمىتى مەزكۇر ۋەقەدىن كېيىن، پۇتىننى «ئۇرۇش جىنايەتچىسى» دەپ ئاتىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر