رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇشتىكى تالاپەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك يېڭى مەلۇماتلار

ئۇكرائىناغا قارشى ئۇرۇش باشلىغان رۇسىيە ئارمىيەسى 18 مىڭ 900 ئەسكىرى، 150 ئايروپىلانى، 135 تىك ئۇچارى ۋە 698 تانكىسىدىن ئايرىلىپ قالدى.

1808915
رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇشتىكى تالاپەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك يېڭى مەلۇماتلار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابى رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ 24-فېۋرالدىن (2022) 7-ئاپرېلغىچە تارتقان تالاپەتلىرى توغرىسىدا سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلدى.

مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ 18 مىڭ 900 ئەسكىرى ئۆلگەن بولۇپ، بۇنىڭدىن باشقا 150 ئايروپىلان، 135 تىك ئۇچار، 698 تانكا، 1891 بىرونىۋىك، 332 زەمبىرەك، 108 راكېتا ئاتار سىستېمىسى ۋە 55 ھاۋا قوغدىنىش سىستېمىسى پاچاقلاپ تاشلانغان.

ئۇكرائىنا ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابى يەنە، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ دونېتسك ۋە لۇخانسك رايونلىرى بىلەن مارىيۇپول شەھىرىنى تولۇق كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىش ئۈچۈن، شەرقتە ھۇجۇمغا ئۆتۈشكە تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

بۇ ھەقتىكى باياناتتا، 6-ئاپرېلدا (2022) رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئالتە تۇرالغۇ رايونىغا قىلغان ھۇجۇمىنىڭ مەغلۇب بولغانلىقى، ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ خېرسون رايونىدىكى ئوسوكاروۋكا تۇرالغۇ رايونىنىڭ كونتروللۇقىنى قايتۇرۇۋالغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر