خىتاي پېلوسى تەيۋەندە زىيارەتتە بولسا قاتتىق تەدبىرلەرنى يولغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

خىتاي، ئەگەر ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى باشلىقى نەنسى پېلوسى تەيۋەننى زىيارەت قىلسا، كەسكىن تەدبىرلەرنى قوللىنىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى.

1808930
خىتاي پېلوسى تەيۋەندە زىيارەتتە بولسا قاتتىق تەدبىرلەرنى يولغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جاۋ لىجىيەن، نەنسى پېلوسىنىڭ 10- ئاپرېل تەيۋەننى زىيارەت قىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر توغرىسىدا توختىلىپ، بۇ زىيارەتنىڭ خىتاي- ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى، پېلوسى تەيۋەننى زىيارەت قىلغان تەقدىردە، كەسكىن تەدبىرلەرنى قوللىنىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا بىلەن تەيۋەن ئوتتۇرىسىدىكى ھەر قانداق رەسمىي ئالاقىگە قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن جاۋ لىجىيەن، ئامېرىكا تەرەپنىڭ بۇ زىيارەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، زىيارەت كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەلبىي ئاقىۋەتلەرگە ئامېرىكانىڭ جاۋابكار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

10- ئاپرېل ئامېرىكانىڭ تەيۋەننى ھەربىي ياردەم بىلەن تەمىنلەشنى مەزمۇن قىلغان «(ئامېرىكا -) تەيۋەن مۇناسىۋىتى قانۇنى» ماقۇللانغانلىقىنىڭ 43 – خاتىرە يىلى.

بېيجىڭ ھۆكۈمىتى «بىر خىتاي» پىرىنسىپىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەيۋەننىڭ ئۆز زېمىنىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. خىتاي، تەيۋەن بوغۇزى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقىدىن باشقا، تەيۋەننىڭ دۇنيا دۆلەتلىرى بىلەن مۇستەقىل دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشىغا، ب د ت ۋە باشقا خەلقئارالىق تەشكىلاتلاردا ۋەكىل تۇرغۇزۇشىغا قارشى تۇرۇپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر