بايدىن: ئامېرىكا ئەركىنلىكى ئۈچۈن جەڭ قىلغان ئۇكرائىنانى داۋاملىق قوللايدۇ

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن ئۇكرائىنا پايتەختى كىيېۋ ئەتراپىغا جايلاشقان بۇچا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇرۇش جىنايىتى» ئىكەنلىكىنى، خەلقئارالىق جەمئىيەتنىڭ جاۋابكارلاردىن بۇنىڭ ھېسابىنى سورىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

1808767
بايدىن: ئامېرىكا ئەركىنلىكى ئۈچۈن جەڭ قىلغان ئۇكرائىنانى داۋاملىق قوللايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن ۋاشىنگتوندىكى بىر مېھمانسارايدا يەرلىك سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ ۋەكىللىرىگە خىتاب قىلىپ سۆزلىگەن نۇتۇقىدا، ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى ئۈستىدە توختالدى.

ئۇ كەڭ كۆلەملىك «ۋەھشىيلىك» نىڭ يۈز بەرگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرگە ئىشارە قىلىپ، مۇنداق دېدى:

«بۇچادا قوللىرى ئارقىدىن باغلىنىپ، كۆپىنچىسى ئارقا تەرەپتىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن كىشىلەرنىڭ جەسەتلىرىنىڭ كوچىلارغا تاشلاپ قويۇلغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان فوتوگرافلارنى كۆرگەن بولۇشۇڭلار مۇمكىن. پۇقرالار قىرغىن قىلىندى، جەسەتلىرى كوللېكتىپ مازارلىقلارغا كۆمۈلدى. بۇ كەچۈرگىلى بولمايدىغان غالجىرلىقنى ھەممىمىز كۆردۇق. بۇ يەردە يۈز بەرگەنلەر ئۇرۇش جىنايىتىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە دۆلەتلەر بىر يەرگە كېلىپ، بۇلارنىڭ جاۋابكارلىرىدىن ھېساب سورىشى كېرەك.»

پىرېزىدېنت جو بايدىن ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ رۇسىيەگە قارشى يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىقتىسادىي ئېمبارگولارنى ئېغىرلاشتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، رۇسىيە ئىقتىسادىنىڭ ھازىردىن باشلاپلا غايەت زور چىقىملارغا ئۇچرىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ رۇسىيەنىڭ 24-فېۋرالدا (2022) ئۇرۇش باشلىغان ۋاقىتتىكى مەقسىتىگە يېتەلمىگەنلىكىنى تەكىتلەپ: «رۇسىيە ئۇكرائىنا پايتەختى كىيېۋنى قولغا چۈشۈرۈشنى، دېموكراتىيەنى ۋە خەلق تەرىپىدىن سايلانغان ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇشنى ئارزۇ قىلاتتى. ئەمما، كىيېۋ ھازىرغىچە ئۆزىنى ساقلاپ تۇرۇۋاتىدۇ، ھۆكۈمەتمۇ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىۋاتىدۇ» دېدى.

ئۇ بۇلارنىڭ ھەممىسى شۇنداق بولسىمۇ، ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلىشىشىدىن يىراق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «بۇ ئۇرۇش ئۇزۇن داۋاملىشىدۇ. بىراق، ئامېرىكا ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن جەڭ قىلغان ئۇكرائىنا خەلقنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېدى.

ئۇكرائىنا پايتەختى كىيېۋ ئەتراپىغا جايلاشقان بۇچا شەھىرىنى 1-ئاپرېل (2022) رۇسىيە ئارمىيەسىدىن ئازاد قىلغان ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنى، كوچىلىرى جەسەتلەرگە تولغا بىر شەھەر قارشى ئالغان ئىدى.

كىيېۋ ئەتراپىدىن ئازاد قىلىنغان تۇرالغۇ رايونلىرىدا 410 پۇقرانىڭ جەسىتى تېپىلغان ئىدى.

رۇسىيە پۇقرالارنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلدى. ئەمما، سۈنئىي ھەمراھ شىركىتى ماكسار تەرىپىدىن 19-مارت (2022) تارقىتىلغان سۈنئىي ھەمراھ فوتوگرافلىرىدا كوچىلاردا جەسەتلەرنىڭ بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مەزكۇر ۋەقەدىن كېيىن، پۇتىننى «ئۇرۇش جىنايەتچىسى» دەپ ئاتىدى ۋە تۈنۈگۈن (6-ئاپرېل) رۇسىيەگە يېڭىدىن يۈرگۈزۈلىدىغان ئېمبارگولارنى ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر