لاۋروۋ بۇچا قىرغىنچىلىقىنى يەنە رەت قىلدى

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ ئۇكرائىنانىڭ بۇچا شەھىرىدە پۇقرالارنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىگە دائىر فوتوگراف ۋە ۋىدېئولارنىڭ «ئويدۇرۇلغان» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1808335
لاۋروۋ بۇچا قىرغىنچىلىقىنى يەنە رەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ ئۇكرائىنانىڭ بۇچا شەھىرىدە پۇقرالارنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىگە دائىر فوتوگراف ۋە ۋىدېئولارنىڭ «ئويدۇرۇلغان» ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، بۇنىڭ رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ھەيئەتلىرى ئوتتۇرىسىدا داۋاملىشىۋاتقان مۇزاكىرەلەرنىڭ بۇزۇلۇشى ئۈچۈن قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ تارقاتقان ۋىدېئوسىدا، رۇسىيە ئارمىيەسى چېكىنگەن بۇچا شەھىرىدە «ئۇكرائىنا ئارمىيەسى بىلەن ئىستىخبارات ئىدارىسى سۈرەتكە ئالغان ۋىدېئولارنىڭ قىپقىزىل يالغان ۋە ئويدۇرۇلغان ئىكەنلىكى» نى بىلدۈردى.

ئۇ «راستلىقىنى ئىسپاتلاش مۇمكىن بولمىغان بۇ ئوچۇقتىن ئوچۇق خاتا ئىغۋاگەرچىلىك» نىڭ سەۋەبى بارلىقىنى ئەسكەرتىپ: «بۇنى داۋاملىشىۋاتقان مۇزاكىرەلەرنى بۇزۇش ئۈچۈن باھانە تېپىش ئارزۇسى دەپ ئويلىشىۋاتىمىز» دېدى.

ئۇ رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ھەيئەتلىرى ئوتتۇرىسىدا ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇزاكىرەلەردە ئاز بولسىمۇ ئۈمىد پەيدا بولغان مۇشۇنداق بىر ۋاقىتتا، بۇچا كۆرۈنۈشلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ: «29-مارت (2022) ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن ھەيئەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچرىشىشلاردا، ئۇكرائىنا تەرەپ تۇنجى قېتىم ئۇكرائىنانىڭ سالاھىيىتى ۋە بىخەتەرلىك كاپالەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك كېلىشىمنىڭ قانداق بولۇشى كېرەكلىكى توغرىسىدا يازما تەسەۋۋۇرىنى تەكلىپ قىلغان ئىدى» دېدى.

ئۇ رۇسىيە تەرەپنىڭ ئۇكرائىنا بىلەن ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشلارغا ئۇيغۇن ھالدا خالىسلىق بىلەن ئۇرۇش سېپىدىكى جىددىيچىلىكنى پەسەيتىشنى قارار قىلغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ، بۇ سەۋەبتىن رۇسىيە ئەسكەرلىرى بۇچادىن چېكىنىپ ئارىدىن ئۈچ كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان كۆرۈنۈشلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«بۇنىڭ دىققەتنى مۇزاكىرە مۇساپىسىدىن بۇراش، ئۇكرائىنا تەرەپنىڭ ئىستانبۇلدىكى مۇزاكىرەلەردىن كېيىن قايتا باشلىنىش نۇقتىسىغا قايتىشى، يېڭى شەرتلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ئۈچۈن قىلىنغانلىقىغا ئىشىنىش ئۈچۈن نۇرغۇن سەۋەبلىرىمىز بار. غەرب تاراتقۇلىرى بۇچا شەھىرى ھەققىدىكى ساختا مەلۇماتلارنى تارقاتقان ۋاقىتتا، ئۇكرائىنا ھەيئىتى مۇزاكىرە مۇساپىسىنى پۈتۈنلەي ئۈزۈپ تاشلاشقا ئۇرۇندى.»

ئۇ خەلقئارالىق جەمئىيەتنىڭ رۇسىيەنىڭ سەمىمىي ۋە ئىزچىل ھالدا مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ: «بىز كىيېۋغا بۇزغۇنچىلىق قىلماسلىق توغرىسىدا ئېنىق سىگنال بېرىشتە چىڭ تۇرىمىز. بولمىسا، مىنسىك كېلىشىمى تەقدىرىنىڭ تەكرارلىنىش خەۋپى بار، بىز بۇنىڭغا ھەرگىز قوشۇلمايمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر