جونسون: ئى رۇس خەلقى، سىلەرنىڭ ھەقىقەتلەرنى بىلىش ھوقۇقىڭلار بار

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسون رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىننىڭ «دۇنيانى چۆچۈتكەن ۋەھشىيلىكى» سەۋەبىدىن ئۇرۇش جىنايىتى ئۆتكۈزۈش بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، رۇس خەلقىدىن ھەقىقەتلەر ئۈستىدە ئىزدىنىشنى تەلەپ قىلدى.

1807998
جونسون: ئى رۇس خەلقى، سىلەرنىڭ ھەقىقەتلەرنى بىلىش ھوقۇقىڭلار بار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسون رۇس خەلقىگە خىتاب قىلىپ تارقاتقان 1 مىنۇت 50 سىكۇنتلىق نۇتۇقىدا، رۇسچە «رۇس خەلقىنىڭ ھەقىقەتلەرنى بىلىش ھوقۇقى بار، سىلەرنىڭ ھەقىقەتلەرنى بىلىش ھوقۇقىڭلار بار» دەپ باشلىدى.

ئۇ ئارقىدىن نۇتۇقىنى ئىنگلىزچە داۋاملاشتۇرۇپ، رۇسىيە ئارمىيە قىسىملىرىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ  بۇچا، ئىرپىن ۋە باشقا جايلىرىدا قىلغان ۋەھشىيلىكنىڭ دۇنيانى چۆچۈتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«پۇقرالار قىرغىن قىلىندى، قوللىرى باغلانغان ھالدا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى. كىچىك بالىلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئاياللارغا باسقۇنچىلىق قىلىندى. جەسەتلەر كۆيدۈرۈلدى، كوللېكتىپ مازارلىقلارغا تاشلاندى ياكى كوچىلارغا شۇ پېتى تاشلاپ قويۇلدى.»

ئۇ رۇسىيە ھۆكۈمىتىنڭ «كىشىنى چۆچۈتىدىغان ۋە كىشىنىڭ كۆڭلىنى ئىلەشتۈرىدىغان» بۇ ھەرىكەتلىرىنى خەلقتىن يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇشلىرىدىن ھەيران قالماسلىق كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ: «پىرېزىدېنتىڭلار، نېمىلەر يۈز بەرگەنلىكىنى بىلسەڭلار، سىلەرنىڭ ئۇنى قوللىمايدىغانلىقىڭلارنى بىلىدۇ» دېدى.

ئۇ رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ بۇلارنىڭ رۇسىيەنىڭ شەرىپى ئۈچۈن ئېيتقاندا، بىر قارا داغ ئىكەنلىكىنى بىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، رۇس خەلقىدىن ھەقىقەتلەرنى بىلىش ئۈچۈن ۋ پ ن (VPN) دىن پايدىلىنىپ، رۇسىيەدە چەكلەنگەن ئىنتېرنېت تور بەتلىرىنى زىيارەت قىلىشنى ۋە ئىزدىنىشنى تەلەپ قىلدى.

ئۇ ئاخىرىدا، جاۋابكارلاردىن ھېساب سورىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، نۇتۇقىنى رۇسچە «پىرېزىدېنتىڭلار ئۇرۇش جىنايىتى ئۆتكۈزۈش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتىدۇ، ئەمما سىلەرنىڭ نامىڭلاردا ھەرىكەت قىلغانلىقىغا ئىشەنمەيمەن» دەپ ئاخىرلاشتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر