گوللاندىيە رۇسلارغا تەۋە 13 ساياھەت پاراخوتىنى مۇسادىرە قىلدى

گوللاندىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رۇسىيەگە قاراتقان جازاسىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە 13 رۇس ساياھەت پاراخوتىنى مۇسادىرە قىلدى.

1808236
گوللاندىيە رۇسلارغا تەۋە 13 ساياھەت پاراخوتىنى مۇسادىرە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گوللاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋوپكې خوئېكسترا يازما بايانات ئېلان قىلىپ، گوللاندىيە تاموژنىسىنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىدىكى 5 ساياھەت پاراخوتى ئىشلەپچىقارغۇچىسىنىڭ قولىدا تۇرۇۋتقان جەمئىي 13 رۇس ساياھەت پاراخوتىنى قاتتىق كونتروللۇق ئاستىغا ئالغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

خوئېكسترا، مەزكۇر پاراخوتلارنىڭ ئارىسىدا ياسىلىش باسقۇچىدىكى بەزىلىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 35 مېتىردىن ئاشىدىغان 12 ساياھەت پاراخوتى بىلەن بىر دانە رېمونت قىلىنىۋاتقان ساياھەت پاراخوتىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتتى.

ياسىلىۋاتقان ساياھەت پاراخوتلىرىنىڭ ئىگىدارچىلىق قۇرۇلمىسىنىڭ تەكشۈرۈلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن خوئېكسترا، پاراخوتلارنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جازا تىزىملىكىدىكى روسلارغا تەۋە ئەمەسلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

مىنىستىر خوئېكسترا، رېمونت قىلىنىۋاتقان ساياھەت پاراخوتىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جازا تىزىملىكىدە ئىسمى بار بىر كىشى بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ بار – يوقلۇقىنىڭ تەكشۈرۈلۇۋاتقانلىقىنى، 13 ساياھەت پاراخوتىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىشلىتىلىشىگە ۋە چېگرادىن چىقىپ كېتىشكە يول قويۇلمايدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ يەنە، گوللاندىيەنىڭ ھازىرغىچە 516 مىليون ياۋرو قىممىتىدىكى رۇس مال - مۈلكىنى توڭلاتقانلىقىنى ۋە 155 مىليون ياۋرو قىممىتىدىكى سودىنى توسۇپ قويغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر