گىرېتسىيە 12 نەپەر رۇسىيە دىپلوماتىنى «قارشى ئېلىنمايدىغان كىشىلەر» ئېلان قىلدى
گىرېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 12 نەپەر رۇسىيە دىپلوماتىنى «قارشى ئېلىنمايدىغان كىشىلەر» ئېلان قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيەنىڭ گىرېتسىيەدە خىزمەت قىلىۋاتقان دىپلوماتىك ۋە كونسۇلخانا ئورۇنلىرىنىڭ 12 نەپەر خادىمىنىڭ «قارشى ئېلىنمايدىغان كىشىلەر» دەپ ئۇقتۇردى.
مىنىستىرلىق مەزكۇر قارارنىڭ 1961-يىلى ئىمزالانغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەر ھەققىدىكى ۋىيېننا كېلىشىمى ۋە 1963-يىلى ئىمزالانغان كونسۇلخانا خىزمەتلىرى ھەققىدىكى ۋىيېننا كېلىشىمىنىڭ ماددىلىرىغا ئاساسەن چىقىرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
رۇسىيەنىڭ ئافېنادىكى ئەلچىخانىسىغا «قارشى ئېلىنمايدىغان كىشىلەر» دەپ ئېلان قىلىنغان دىپلوماتلار توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلگەنلىكى قەيت قىلىندى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

سىرى لانكاندا 500 دىن ئارتۇق مەھبۇس تۈرمىدىن قاچتى
500 دىن ئارتۇق مەھبۇس سىرى لانكانىڭ داۋالاپ ئۆزگەرتىش تۈرمىسىدىن قېچىپ كەتتى.

توكيو 150 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئىسسىق ھاۋا دولقۇنىغا دۇچ كەلدى
ياپونىيەنىڭ پايتەختى توكيو ۋە ئەتراپى، 150 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئىسسىق ئىيۇن ئېيىنى باشتىن كەچۈردى.