زېلېنىسكى رۇسىيە بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن دائىمىي ھەيئەت تەشكىللىدى

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر زېلېنىسكى بىخەتەرلىك كاپالىتى ئاستىدا رۇسىيە بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن دائىمىي ھەيئەت تەشكىللىدى.

1807259
زېلېنىسكى رۇسىيە بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن دائىمىي ھەيئەت تەشكىللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا پىرېزىدېنت مەھكىمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، زېلېنىسكى قارارنامە ئىمزالاپ، ئۇكرائىنانىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەت ئاستىغا ئېلىش مەقسىتىدە كېلىشىم لايىھەسى تەييارلىنىشى ۋە ماقۇللىنىشى مەسىلىسىدە رۇسىيە بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان سۆھبەتكە قاتنىشىشى ئۈچۈن بىر ھەيئەت تەشكىللىگەن. ھاكىمىيەت بېشىدىكى خەلنىڭ خىىزمەتكارى پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى داۋىد ئاراكخاميا  رىياسەتچىلىك قىلىدىغان ھەيئەتتىن، ئەدلىيە مىنىستىرى دېنىس مالۇسكا، پىرېزىدېنت مەھكىمىسى ئىشخانىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى مىخايىل پودولياك، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئالېكسېي رېزنىكوۋ، ئۇكرائىنا مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مىكولا توچىتسكىيدىن سىرت يەنە، پارلامېنت ئەزالىرى ئاندرېي كوستىن، دىمىترىي لۇبىنېتس ۋە رۇستەم ئۇمەروۋ قاتارلىقلار ئورۇن ئالىدىكەن.

قانۇنشۇناس ئالېكساندىر مالىنوۋىسكىي ۋە دىپلومات ئالېكساندىر چالى، ھەيئەت مۇتەخەسسىسلىرى سۈپىتىدە ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن.

ئۇكرائىنا سۆھبەت ۋەكىلى ئاراكخاميا، ئالدىنقى قېتىملىق ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت يىغىنىدىن كېيىن، تۈركىيە قاتارلىق 8 دۆلەتنى كاپالەتچى دۆلەت سۈپىتىدە كۆرۈشنى خالايدىغانلىقلىرىنى ئېيتقانىدى.

رۇسىيە ئارمىيەسى، 24 – فېۋرال كۈنى ئۇكرائىناغا ھەربىي ھەرىكەت قوزغىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر