ستېينمېيېر: پۇتىن رۇسىيەسى بىلەن نورمال ھالەتكە قايتىشنىڭ يولى يوق

گېرمانىيە پىرېزىدېنتى فرانك-ۋالتېر ستېينمېيېر رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن رەھبەرلىكىدىكى رۇسىيە بىلەن نورمال ھالەتكە قايتىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

1807544
ستېينمېيېر: پۇتىن رۇسىيەسى بىلەن نورمال ھالەتكە قايتىشنىڭ يولى يوق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ستېينمېيېر گېرمانىيەنىڭ ZDF قانىلىنىڭ سۆھبەت پىروگراممىسىدا سۆز قىلىپ، 2001- يىلى گېرمانىيە فېدېراتىپ پارلامېنتىدا سۆزلىگەن پۇتىن بىلەن 2022- يىلىدىكى ئۆزىنى پاناھلىنىش ئورنىغا تاقىۋالغان ھالەتتىكى ئۇرۇشخۇمار پۇتىننى بىر - بىرىدىن پەرقلەندۈرۈش كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

بۇ 20 يىللىق مۇساپىدە يۈز بەرگەن ئىشلار توغرىسىدا ئويلىنىش كېرەكلىكىنى تىلغا ئالغان ستېينمېيېر: «كىشىنى ئېچىندۇرىدىغىنى شۇكى، بىز نۇرغۇن جەھەتلەردە مەغلۇپ بولدۇق» دېدى.

ستېينمېيېر بۇ مەغلۇبىيەتلەرنىڭ ئارقىسىدا رۇسىيەنىڭ ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىك قۇرۇلمىسىغا ماسلاشتۇرۇلالماسلىقىنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ، بۇنىڭ «ئېچىنىشلىق مەنزىرە» ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، «بۇ ئېچىنىشلىق مەنزىرىنىڭ 2022- يىلىدىكى بىر پۇتىننىڭ  ئىمپېرىيالىزم ئارزۇسى ئۈچۈن دۆلىتىنى  سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئەخلاقىي جەھەتتىن يىمىرىلىش گىردابىغا ئىتتىرمەيدىغانلىقى توغرىسىدىكى خاتا قاراش»نىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ستېينمېيېر، مۇخبىرنىڭ «كەلگۈسىگە قانداق قارايسىز؟ كەلگۈسى پۇتىننىڭ رۇسىيەسى بىلەن داۋاملىشىۋامدۇ ياكى ئۇنىڭغا قارشى بىر رۇسىيە بىلەنمۇ؟» دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، ئۆزىنىڭ بۇنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، پۇتىن رەھبەرلىكىدىكى رۇسىيە بىلەن نورمال ھالەتكە قايتىش يوق» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ستېينمېيېر، 2014- يىلدىن كېيىن مىنسك كېلىشىملىرى بىلەن ئۆزگىرىشلەرنىڭ توختىتىلالمىغانلىقىنى بايان قىلىپ: «ياۋروپانىڭ شەرقىدىكى شېرىكلەرنىڭ قاراشلىرى، ئاگاھلاندۇرۇشلىرى بار ئىدى. ئۇلارغا تېخىمۇ ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك ئىدى» دېدى.

شىمالىي ئېقىن 2 تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسىدە چىڭ تۇرۇۋېلىشنىڭمۇ بىر خاتالىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ستېينمېيېر، بۇنىڭ بولۇپمۇ ياۋروپانىڭ شەرقىدىكى دۆلەتلەر نەرزىدىكى گېرمانىيەنىڭ ئىشەنچلىكلىك ئورنىغا داغ چۈشۈرگەنلىكىنى ئېيتتى.

ستېينمېيېر 2005-2009 ۋە 2013-2017-يىللىرى گېرمانىيەنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر