موراۋىيكې ماكروننىڭ پۇتىن بىلەن كۆرۈشۈشىنى قاتتىق ئىبارىلەرنى ئىشلىتىپ تەنقىد قىلدى

پولشا باش مىنىستىرى ماتېئۇس موراۋىيېككى، ئۇكرائىنانىڭ بۇچا شەھىرىدىكى پۇقرالار ئۆلۈمىدىن كېيىن، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكروننىڭ رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشۈشىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى.

1807486
موراۋىيكې ماكروننىڭ پۇتىن بىلەن كۆرۈشۈشىنى قاتتىق ئىبارىلەرنى ئىشلىتىپ تەنقىد قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: موراۋىيكى پايتەخت ۋارشاۋادا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، غەربنىڭ رۇس مەنبەلىرىگە قارىتىلغان جازا ۋە ئېمبارگولارنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرونغا خىتاب: «ماكرون ئەپەندى، پۇتىن بىلەن قانچە قېتىم كۆرۈشتىڭىز، بىرەر نەرسە قولغا كەلتۈردىڭىزمۇ؟ جىنايەتچىلەر بىلەن سۆھبەتلەشكۈدەك ئىش يوق» دېدى.

ئۇ، نۆۋەتتىكى جازالارنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولزنى بىر قەدەم ئارقىغا چېكىنىشكە قىستىغان ئامىلنىڭ گېرمان مىلياردېرلىرىنىڭ ئاۋازى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «سىلەر ھەقىقىي ئاڭلاشقا ئېھتىياجلىق بولغان نەرسە ئۆلتۈرۈلۈۋاتقان ئاياللار بىلەن بالىلارنىڭ ئاۋازىدۇر» دېدى.

ئەنگلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىمۇ مۇۋاۋىيكېنىڭ: «جىنايەتچىلەر بىلەن سودىلاشماسلىق كېرەك ئەمەس، ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇش لازىم. ھېچكىم گىتلېر بىلەن سۆھبەتلەشمىدى. سىلەر گىتلېر، ستالىن، پول پوت بىلەن سودىلىشامسىلەر؟» دېگەن سۆزلىرىگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر