ئامېرىكا فىلىپپىنغا باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ فىلىپپىنغا «ۋەتەنپەرۋەر» ناملىق قۇرۇقلۇقتىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلاردىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1806829
ئامېرىكا فىلىپپىنغا باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «Inquirer» گېزىتى، «ۋەتەنپەرۋەر» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنىڭ فىلىپپىننىڭ شىمالىدىكى تەيۋەنگە تۇتىشىدىغان كاگايان ئۆلكىسىنىڭ ئاپاررى رايونىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، ئامېرىكانىڭ تۇنجى قېتىم بىر چەت دۆلەتكە قۇرۇقلۇقتىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىغا ئىشارەت قىلىندى.

ئامېرىكا بىلەن فىلىپپىننىڭ 28- مارت لۇزون ئارىلىدا باشلىغان «بالىكاتان» (مۈرىدىن مۈرىگە) مانېۋىرىنىڭ 8-ئاپرېلغىچە داۋاملىشىشى پىلانلانماقتا ئىكەن.

يېقىنقى يىللارنىڭ ئەڭ چوڭ ھەربىي مانېۋىرلىرىنىڭ بىرى بولغان بالىكاتان مانېۋىرىغا ئامېرىكادىن 5100، فىلىپپىندىن 3800 ھەربىي خادىم قاتناشماقتا.

ئامېرىكا ھەربىي ئەمەلدارى جەي بارگېرون بايانات بېرىپ: «بىزنىڭ فىلىپپىن بىلەن بولغان ئىتتىپاقداشلىقىمىز يەنىلا ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى مۇھىم كۈچ ۋە مۇقىملىقنىڭ مەنبەسى بولۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا» دېدى.

فىلىپپىن ھەربىي باياناتچىسى پولكوۋنىك رامون زاگالامۇ، مانېۋىرنىڭ ئۆزئارا مۇداپىئەنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى، ئۇنىڭ ھەرگىزمۇ ھۇجۇم مەقسەتلىك مانېۋىر ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.

بالىكاتان مانېۋىرى فىلىپپىن بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان ئۆزئارا مۇداپىئە كېلىشىمى دائىرىسىدە تۇنجى قېتىم 1951 – يىلى ئۆتكۈزۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر