رۇسىيە: بۇچادىكى قىرغىنچىلىقلارنى رەت قىلىمىز، ئۇ جايلارنى ئۇكرائىنا ئارمىيەسى بومباردىمان قىلغان

كرېمىل سارىيى باياناتچىسى پېسكوۋ رۇسىيەگە قارىتىلىۋاتقان ئۇكرائىنانىڭ بۇچا شەھىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئەيىبلەشلەرنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1806890
رۇسىيە: بۇچادىكى قىرغىنچىلىقلارنى رەت قىلىمىز، ئۇ جايلارنى ئۇكرائىنا ئارمىيەسى بومباردىمان قىلغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە كرېمىل باياناتچىسى پېسكوۋ موسكۋادا كۈنتەرتىپ مەسىلىلىرى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

ئۇ ئۇكرائىنانىڭ بۇچا شەھىرىدىن ئېلىنغان كۆرۈنۈشلەر ئۈستىدە توختىلىپ، بۇ يەردە پۇقرالارنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلارنى تەكشۈرۈلۈشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ: «كۆرۈنۈشلەرگە ئىشەنمەسلىكىمىز لازىم. دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى كۆرۈنۈشلەرنىڭ ساختا ئىكەنلىكىگە دائىر ئالامەتلەرنى بايقىدى» دېدى.

ئۇ دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ بۇچادىكى ئەھۋال توغرىسىدا يېتەرلىك ئىسپات بولماي تۇرۇپش بايانات ئېلان قىلىش مەسىلىسىدە ئالدىراقسانلىق قىلماسلىقىنى ۋە ئوخشىمىغان مەنبەلەردىن مەلۇمات تەلەپ قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ھەر قانداق ئەيىبلەشلەرنى قەتئىي رەت قىلىمىز. بۇنىڭدىن باشقا، مەزكۇر مەسىلە ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدە مۇزاكىرە قىلىنىشى كېرەك دەپ ئويلايمىز» دېدى.

ئۇ مەزكۇر مەسىلىنى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە مۇزاكىرە قىلىشنى تەكلىپ قىلغانلىقلىرىنى، ئەمما بۇ تەكلىپنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىمۇ ئۇكرائىنانىڭ كىيېۋ رايونىغا جايلاشقان بۇچادا رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ پۇقرالارنى قىرغىن قىلغانلىقى توغرىسىدىكى گەپ-سۆزلەرنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، كىيېۋ ھككۈمىتى تەرىپىدىن بۇچادىن تارقاتقان فوتوگرافلار ۋە ۋىدېئولارنىڭ ئىغۋاگەرچىلىك ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، مەزكۇر تۇرالغۇ رايونى رۇسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا تۇرغان ۋاقىتتا، بىر پۇقرانىڭمۇ ھېچقانداق زوراۋانلىققا ئۇچرىمىغانلىقى، بەلكى بۇ رايونغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنىڭ تارقىتىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا، رۇسىيە ئەسكەرلىرى رايوننى كونترول قىلغان كۈنلەردە، كىشىلەرنىڭ شەھەردە ئەركىن ھەرىكەت قىلغانلىقى ۋە تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقى؛ مەھەللىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەھەرنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلارنى ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ بومباردىمان قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

رۇسىيە-ھەيئەتلىرى تۈركىيەدە يۈز تۇرانە كۆرۈشكەن كۈننىڭ ئەتىسى، يەنى 30-مارت (2022) بارلىق رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ بۇچادىن چېكىنگەنلىكى تەكىتلەنگەن باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

 «31-مارت بۇچا شەھەر باشلىقى ئاناتولىي فېدورۇك تارقاتقان ۋىدېئوسىدا، شەھەردە رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ يوقلۇقىنى توغرىلىدى. ئەمما ئۇ، كوچىلاردا قوللىرى باغلانغان ھالدا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن يەرلىكلەرنىڭ بارلىقىنى ئېيتمىدى. بۇ سەۋەبتىن، بۇچادىكى ئاتالمىش جىنايەت ئىسپاتلىرىنىڭ، ئۇكرائىنا ئىستىخبارات ئىدارىسى س ب ئۇ (SBU) خادىملىرى ۋە ئۇكرائىنا دۆلەت تېلېۋىزىيەسى ۋەكىللىرى شەھەرگە كىرگەن 4-كۈندە ئوتتۇرىغا چىقىشى كىشىنى ھەيران قالدۇرمايدۇ. ئەڭ ئاز ئارىدىن تۆت كۈن ئۆتكەندە كىيېۋ ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان كىىشلەر جەسەتلىرىنىڭ سوۋۇمىغان بولۇشى، قان داغلىرىنىڭ بولماسلىقى ۋە يارىلىرىدا ئۇيۇشمىغان قانلارنىڭ بولماسلىقى كىشىنى ئەندىشەگە سالىدۇ.

بۇلارنىڭ ھەممىسى مارىپولدا تۇغۇت دوختۇرخانىسىدا ۋە باشقا شەھەرلەردە بولغىنىغا ئوخشاش، بۇچادىن تارقىتىلغان فوتوگرافلار ۋە ۋىدېئولارنىڭ غەرب تاراتقۇلىرى ئۈچۈن كىيېۋ ھۆكۈمىتىنىڭ يەنە بىر ئويدۇرمىسى ئىكەنلىكىنى رەت قىلغىلى بولمايدىغان شەكىلدە توغرىلىماقتا.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر