جەنۇبىي كورېيە كىم يوجوڭنىڭ سۆزلىرىگە ئىنكاس قايتۇردى

سېئۇل ھۆكۈمىتى، شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇننىڭ سىڭلىسى كىم يۆجوڭنىڭ جەنۇبىي كورېيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سۇخ ۋۇك ھەققىدىكى سۆزلىرىگە ئىنكاس قايتۇردى.

1806616
جەنۇبىي كورېيە كىم يوجوڭنىڭ سۆزلىرىگە ئىنكاس قايتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يونخاپ خەۋەر ئاگېنتلىقى، جەنۇبىي كورېيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى لى جوڭجونىڭ: «بىرلىككە كەلتۈرۈش مىنىستىرلىقى، شىمالىي كورېيەنىڭ ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا  كورېيە يېرىم ئارىلىدا جىددىيچىلىك پەيدا قىلماسلىقى كېرەكلىكىگە ئېنىق ئىشارەت قىلماقتا» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

جەنۇبىي كورېيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋۇك 1- ئاپرېل بايانات بېرىپ، شىمالىي كورېيەنىڭ دۆلىتىگە (جەنۇبىي كورېيەگە) باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش نىيىتى بېكىتىلگەن تەقدىردە، قايتۇرما ھۇجۇم قوزغاش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكى ۋە بۇنىڭغا قارتىا تەييارلىقىنىڭ بارلىقىنى ئېيتقانىدى.

كىم يۆجوڭ تۈنۈگۈنكى باياناتىدا، مىنىستىر ۋۇكنى «بىمەنە ۋە بىپەرۋا ئادەم» دەپ تەسۋىرلەپ، بۇ سۆزلەر سەۋەبلىك جەنۇبىي كورېيەنىڭ «ئېغىر تەھدىت»كە دۇچ كېلىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر