ئاۋستىرالىيە ئۇكرائىناغا ھەربىي ئاپتوموبىل ئەۋەتىدۇ

ئاۋستىرالىيە باش مىنىستىرى سكوت موررىسون (Scott Morrison) ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر زېلېنسكىينىڭ رۇسىيەگە قارشى ئۇرۇشتا ئىشلىتىش ئۈچۈن تەلەپ قىلغان ھەربىي ئاپتوموبىللارنى ئەۋەتىدىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلدى.

1805520
ئاۋستىرالىيە ئۇكرائىناغا ھەربىي ئاپتوموبىل ئەۋەتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاۋستىرالىيە باش مىنىستىرى سكوت موررىسون پىرېزىدېنت زېلېنسكىينىڭ تۈنۈگۈن (31-مارت) ئىنتېرنېت تورىدا ئاۋستىرالىيە پارلامېنتىغا سىنلىق خىتابىدا تەلەپ قىلغان ۋە ئاۋستىرالىيەدە ياسالغان «بۇشمەستېر» (Bushmaster) ناملىق ھەربىي ئاپتوموبىللارنىڭ ئەۋەتىلىدىغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

ئۇ ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىينىڭ تەلىپىنى ئورۇنلايدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ، ھەربىي قىسىملارنى يۆتكەشتە ئىشلىتىلىدىغان ئاۋستىرالىيەدە ياسالغان «بۇشمەستېر» ئاپتوموبىللىرىنى، ئۇكرائىناغا ئايروپىلان بىلەن ئەۋەتىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

بىراق، قانچە دانە ۋە قاچان ئەۋەتىدىغانلىقلىرى، شۇنداقلا قاچان ۋە قايسى ياۋروپا دۆلىتىگە يېتىپ بارىدىغانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بەرمىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«بىز پەقەت دۇئالىرىمىزنىلا ئەۋەتمەيمىز، بەلكى قورال-ياراغلىرىمىزنى، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىمىزنى، ھەربىي ئاپتوموبىل ۋە بىرونىۋىكلىرىمىزنى، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئەۋەتىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر