ئۇكرائىنا: قارا دېڭىزدا كۆرۈلگەن مىنالارغا رۇسىيە جاۋابكار

ئۇكرائىنا قارا دېڭىزدا كۆرۈلگەن دېڭىز مىنالىرىغا رۇسىيەنىڭ جاۋابكار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1804105
ئۇكرائىنا: قارا دېڭىزدا كۆرۈلگەن مىنالارغا رۇسىيە جاۋابكار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 26-مارتتىن 28-مارتقىچە تۈركىيە ۋە رۇمىنىيەدە كۆرۈلگەن دېڭىز مىنالىرىنىڭ 2022-يىلىنىڭ بېشىدىن بۇيانقى ھېساب بويىچە ئۇكرائىنا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ تىزىملىكىدە يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ رەسمىي تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ 2014-يىلى ئۇكرائىنانىڭ سېۋاستوپول شەھىرىنى ۋاقىتلىق ئىشغال قىلىش جەريانىدا قولغا چۈشۈرگەن دېڭىز مىنالىرىنى ئىشلىتىپ، خەلقئارالىق شېرىكلەر ئالدىدا ئۇكرائىنانى قەستەن كۈشكۈرتۈشكە ۋە ئېتىبارسىزلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا رۇسىيەنىڭ پۈتكۈل قارا دېڭىزدا، ئازاكتىن باشقا يەنە، كەرچ ۋە قارا دېڭىز بوغۇزلىرىدا دېڭىز مىنالىرىنى قەستەن ئاممىۋىي تىرانسپورت ۋە دېڭىزلاردىكى ئىنسانلارنىڭ ھاياتىنى تەھدىتكە دۇچار قىلىدىغان ھەرىكەت قورالىغا ئايلاندۇرىۋاالغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا، ئۇكرائىناغا قارشى كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇشنى باشلىغان رۇسىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئاممىۋىي پاراخوتلارنى تۇتۇپ يوق قىلىۋاتقانلىقى ۋە ئۇكرائىنانى دېڭىزدىن بومباردىمان قىلىشتىن باشقا يەنە، دېڭىز مىنالىرىنى «يېڭى بىر دېڭىز قاراقچىلىقى شەكلى» سۈپىتىدە قوللانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، قويۇپ بېرىلگەن مىنالارنى ئىشلىتىشكە ۋە بۇ مىنالارنىڭ كۈتۈلمىگەن ئاقىۋەتلىرىگە رۇسىيە فېدېراتسىيەسى شۇنداقلا رۇسىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ جاۋابكار ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر