ئۇكرائىنا 17 مىڭ 300 رۇسىيە ئەسكىرىنىڭ يوقىتىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

ئۇكرائىناغا قارشى 24-فېۋرال (2022) ئۇرۇش باشلىغان رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ 17 مىڭ 300 ئەسكىرى، 131 ئايروپىلانى، 131 تىك ئۇچارى ۋە 605 تانكىسى يوقىتىلغان.

1804323
ئۇكرائىنا 17 مىڭ 300 رۇسىيە ئەسكىرىنىڭ يوقىتىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابى رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ 24-فېۋرالدىن 30-مارتقىچە بولغان ئارىلىقتا تارتقان زىيانلىرىغا مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلارنى ئېلان قىلدى.

ئۇكرائىنا ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ 17 مىڭ 300 ئەسكىرى ئۆلتۈرۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭدىن باشقا، 131 ئايروپىلان، 131 تىك ئۇچار، 605 تانكا، 1723 بىرونىۋىك، 305 زەمبىرەك، 96 راكېتا ئاتار سىستېمىسى، 54 ھاۋا قوغدىنىش سىستېمىسى، 1184 ھەربىي ئاپتوموبىل، يەتتە دانە كىچىك تىپتىكى پاراخوت، 75 يېقىلغۇ ئاپتوموبىلى ۋە 81 دانە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى پاچاقلاپ تاشلانغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر