ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن رۇسىيە - ئۇكرائىنا سۆھبىتى ئاخىرلاشتى، تەرەپلەر باياناتلارنى ئېلان قىلدى

رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئىككى تەرەپ ۋەكىللىرىنىڭ بۈگۈن ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن تىنچلىق كېلىشىمى تۈزۈش سۆھبىتى ئاخىرلاشتى.

1803822
ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن رۇسىيە - ئۇكرائىنا سۆھبىتى ئاخىرلاشتى، تەرەپلەر باياناتلارنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىنىڭ ئىستانبۇل دولماھچەدىكى ئىشخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت، رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئىككى تەرىپىنىڭ ھەم ھەيئەت باشلىقلىرى ھەم ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلىرىدىن كېيىن ئاخىرلاشتى.

رۇسىيە ھەيئىتى يىغىندىن كېيىن بايانات بېرىپ: «بىر قىسىم مەسىلىلەردە بىردەكلىك ھاسىل قىلدۇق. ئۇكرائىنانىڭ تەكلىپلىرىنى (رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر) پۇتىنغا يەتكۈزىمىز. تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى كېلىشىم ھاسىل قىلغان تەقدىردە، پۇتىن – زېلېنىسكىي ئۇچرىشىشى مۇمكىن» دېدى.

سۆھبەتكە قاتناشقان روسىيەنىڭ مۇئاۋىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئالېكساندىر فومىنمۇ كىيېۋ ۋە چېمىگېۋ يۆنىلىشىدىكى ھەربىي ھەرىكەتنى ئازايتىشنى قارار قىلغانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى.

ئۇكرائىنا سۆھبەت گۇرۇپپىسىمۇ يىغىندىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ، كىېيۋنىڭ تۈركىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 8 دۆلەتنى كېپىل دۆلەت سۈپىتىدە كۆرۈشنى خالايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «رۇسىيە بىلەن تۈزۈلىدىغان كېلىشىم كېپىل دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە ئىمزالىنىدۇ» دېدى.

ئۇكرائىنا سۆھبەت گۇرۇپپىسى يەنە: «ناتوغا ئەزا بولمايمىز، ئەمما ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ۋاز كەچمەيمىز. كېلىشىمدە ھېچقانداق نەرسە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇشقا توسالغۇ ئەمەس دېيىلدى. قىرىم مەسىلىسى ھەل قىلىنىشى  لازىم. قىرىم ئىشغال ئاستىدىكى رايوندۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇكرائىنا سۆھبەت ھەيئىتى، سۆھبەت داۋاملىشىۋاتقان مەزگىلدە روسىيەگە قورال ئىشلەتمەسلىك تەكلىپىنى بەرگەنلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭ قارشى تەرەپكە پوزىتسىيەسىنى بىلدۈرگەنلىكلىرىنى ۋە رۇسىيەدىن جاۋاب كۈتۈۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رۇسىيە-ئۇكرائىنا ۋەكىللىرىنىڭ ئىستانبۇلدىكى سۆھبەت يىغىنىدىن ئىلگىرى بايانات بېرىپ: «بىز ئادىل تىنچلىقنىڭ مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان تەرىپىنىڭ بولمايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. توقۇنۇشنى ئۇزارتىش ھېچكىمگە پايدىلىق ئەمەس» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان دولماباھچە سارىيىدىكى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئىشخانىسىدا، رۇسىيە - ئۇكرائىنا ھەيئەتلىرى سۆھبەت يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ: «ئۆز رايونىدا نۇرغۇن ئازاب - ئوقۇبەتلەرگە شاھىت بولغان بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، قارا دېڭىزنىڭ شىمالىدا ئوخشاش كارتىنانىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تىرىشتۇق ۋە كۈچ چىقاردۇق... بارلىق خەلقئارالىق سۇپىلاردا ئىككى تەرەپنىڭ (رۇسىيە-ئۇكرائىنا) نىڭ ھەقلىرى، ھوقۇقلىرى ۋە سەزگۈرلۈكىنى نەزەردە تۇتقان، قوغدىغان ئادىل پوزىتسىيە نامايان قىلدۇق» دېدى.

«ئۇرۇش توختىتىپ، تېزدىن تىنچلىق بەرپا قىلىش ھەممەيلەنگە پايدىلىق» دېگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بىز سۆھبەتلەردىن كونكرېت نەتىجىگە ئېرىشىش كېرەك بولغان دەۋرگە قەدەم قويدۇق دەپ ئويلايمىز. ھازىرقى باسقۇچتىن باشلاپ، ھەيئەت ئەزالىرىنى تەشكىل قىلغان سىلەر تارىخىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستۈڭلەرگە ئالدىڭلار، پۈتۈن دۇنيا سىلەردىن كېلىدىغان خەيرلىك خەۋەرنى – خۇش خەۋەرنى كۈتۈۋاتىدۇ... سىلەر سۆھبەتتە قولغا كەلتۈرىدىغان ئىلگىرىلەشلەر كېيىنكى قەدەمدە، رەھبەرلەر قاتلىمىدىكى ئۇچرىشىشنى مۇمكىن قىلىدۇ. بىز شۇنداق بىر ئۇچرىشىشقىمۇ ساھىبخانلىق قىلىشقا تەييارمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن ئۆتكۈزگەن يەكشەنبە كۈنىدىكى تېلېفون سۆھبىتىدە، رۇسىيە - ئۇكرائىنا سۆھبەت گۇرۇپپىلىرىنىڭ كېلەر قېتىملىق يىغىنىنىڭ ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلۈشى توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلغانىدى.

بۇ جەرياندا،  ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دىمىترو كۇلېبا دۆلىتىنىڭ مەتبۇئاتلىرىغا بايانات بېرىپ: «بىزنىڭ تۈركىيەدىكى سۆھبەتتىكى ئەڭ تۆۋەن تەلىپىمىز ئىنسانپەرۋەرلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش،  ئەڭ چوڭ تەلىپىمىز ئۇرۇش توختىتىش ۋە بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملاشتۇرۇشقا بولىدىغان سىجىل كېلىشىم ھاسىل قىلىش بولىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر