كورېيەدىكى بىر سانائەت تاشلاندۇقلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتىدا پارتلاش يۈز بەردى
كورېيەنىڭ سانائەت تاشلاندۇقلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتىدا پارتلاش يۈز بېرىپ ئىككى ئادەم قازا قىلدى.
1803614
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يونخاپ خەۋەر ئاگېنتلىقى، ئالاقىدار ئەمەلدارلارنىڭ، پايتەخت سېئۇلنىڭ جەنۇبىغا 40 كىلومېتىر كېلىدىغان ئەنسان رايونىدىكى سانائەت تاشلاندۇقلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، 2 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، پارتلاش پەيدا قىلغان ئوتنىڭ پۈتۈنلەي ئۆچۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.