تايلاندتا بىر ماي توشۇغۇچى پاراخوت پارتلاپ كەتتى
تايلاندتا بىر ماي توشۇغۇچى پاراخوت پارتلاپ، 1 كىشى قازا قىلدى ۋە 4 كىشى يارىلاندى.
1802935
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «باڭكوك پوچتىسى گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فرا سامۇت چېدى رايونى چاۋ فرايا دەرياسىدا، پايتەخت بانكوكقا قاراپ كېتىۋاتقان ماي توشۇغۇچى پاراخوت پارتلاپ كەتكەن، ئاندىن ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن.
پارتلاشتا 1 كىشى قازا قىلىپ، 4 كىشى يارىلانغان.
دائىرىلەر ماي توشۇغۇچى پاراخوتتىكى ئوتنىڭ ئۆچۈرۈلگەنلىكىنى ۋە ۋەقەگە قارىتا تەكشۈرۈشنىڭ باشلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.