ناتو نورۋېگىيەدىكى مانېۋىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا

ناتو رۇسىيەنىڭ قوشنىسى نورۋېگىيەدە تۆۋەن تېمپېراتۇرا ئاستىدا قۇرۇقلۇق، ھاۋا ۋە دېڭىز ئارمىيە قىسىملىرىدىن تەشكىللەنگەن ۋە يېقىنقى 30 يىلدىكى ئەڭ چوڭ مانېۋىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

1802911
ناتو نورۋېگىيەدىكى مانېۋىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناتو 14-مارتتا نورۋېگىيەدە باشلانغان كەڭ كۆلەملىك مانېۋىرنى داۋاملاشتۇرماقتا.

ناتو مانېۋىر توغرىسىدىكى يازما باياناتىدا، «Cold Response» دەپ ئاتالغان مانېۋىرنىڭ سەككىز ئاي ئىلگىرى پىلان قىلىنغانلىقىنى، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ھۇجۇمى بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ يوقلۇقىنى تەكىتلىدى.

بىراق، مانېۋىرنىڭ رۇسىيەنىڭ چېگرا قوشنىسى بولغان نورۋېگىيەدە ئۆتكۈزۈلۈشى، ناتوغا ئەزا بولمىغان يەنە بىر قوشنىسى فىندلاندىيەنىڭ مانېۋىرغا ئىشتىراك قىلىشى ۋە يېقىنقى 30 يىلدىكى شىمالىي قۇتۇبتا ئۆتكۈزۈلگەن ئەڭ چوڭ مانېۋىر بولۇشى سەۋەبىدىن دىققەت قوزغىماقتا.

ئىيۇن ئېيدا ئىسپانىيە پايتەختى مادرىدتا ئۆتكۈزۈلگەن ناتو ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىدا، شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشىغا قاراپ چىقىلىدىغانلىقى قەيت قىلىنىۋاتقان بولۇپ، بۇ خىل ئەھۋالدا رۇسىيەنىڭ شىمالىي قانىتىدا 1300 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى چېگرادا يېڭى ناتو ئەزاسى پەيدا بولىدۇ. 27 دۆلەتتىن 30 مىڭ ئەسكەر، 220 ھەربىي ئايروپىلان، ئىككى ئاۋىياماتكانى ئۆز ئىچىگە ئالغان 50 پاراخوت قاتناشتۇرۇلغان «Cold Response» مانېۋىرىنى 1-ئاپرېل (2022) ئاخىرلاشتۇرۇش پىلان قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر