كولومبىيەدە ساقچىخانا بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
كولومبىيەدە بىر ساقچىخانىنىڭ ئەتراپىدا يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىدا 1 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.
1803121
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كولومبىيەنىڭ پايتەختى بوگوتانىڭ بولىۋار رايونىغا جايلاشقان بىر ساقچىخانىنىڭ يېنىدىكى چاماداندا تۇزاق قۇرۇپ قويۇلغان پارتىلاتقۇچ پارتلىتىلدى.
پارتلاشتا بىر بالا ھاياتىدىن ئايرىلدى، 2 سى ساقچى بولۇپ، 18 كىشى يارىلاندى.
كولومبىيە پىرېزىدېنتى ئىۋان دۇك، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ھۇجۇمنى ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى: «تەلۋىلەرچە ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇملاردىن كېيىن بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى كىشىنى قاتتىق ئازابلايدۇ.»
ئالاقىدار تارماقلار، ھۇجۇمنى سادىر قىلغۇچىلار ھەققىدە ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرگە 80 مىڭ دوللار مۇكاپات بېرىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.