زېلېنىسكى: مۇزاكىرىلەردە ئۇكرائىنانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر زېلېنىسكى مۇزاكىرىلەردە دۆلىتىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

1802204
زېلېنىسكى: مۇزاكىرىلەردە ئۇكرائىنانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: زېلېنىسكى، رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى «تىنچلىق سۆھبەتلىرى» ھەققىدە ئېلان قىلغان سىنلىق باياناتىدا، رۇسىيە ئارمىيەسىگە ئېغىر تالاپەتلەرنى يەتكۈزۈۋاتقان ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ دونباس، خاركىۋ  ۋە كىيېۋ قاتارلىق رايونلاردا دۈشمەنلەرنىڭ ھۇجۇملىرىغا قارشى كەسكىن كۈرەش قىلىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «پىدائىيلىرىمىز  رۇسىيەگە قايتۇرما زەربە بېرىپ، رۇسىيە ھۆكۈمىتىنى ئاددىي ۋە لوگىكىلىق تەپەككۇرنىڭ تەقەززاسى بولغان سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنىڭ زۆرۈرلۈكىگە ئۈندەۋاتىدۇ، ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئەھمىيەتلىك، سەمىمىي ۋە نەتىجىگە ئېرىشىش مەقسىتىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈش شەرت.»

رۇسىيە بىلەن كۆرۈشۈشنىڭ جىددىي بولۇشى لازىملىقىنى ئەسكەرتكەن زېلېنىسكى، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ھازىرغىچە 16 مىڭ رۇس ئەسكىرى ئۆلدى، نېمە ئۈچۈن؟ بۇ كىمگە نېمىنى بېرىدۇ؟ سۆھبەت چوقۇم ئەستايىدىل بولۇشى كېرەك. ئۇكرائىنانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يەنى شەرت - شارائىتلار ئادىل بولۇشى كېرەك. ئەكسىچە بولغاندا، ئۇكرائىنا خەلقى بۇنى ئەسلا قوبۇل قىلمايدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر