«‹تەيۋەن بوغۇزى› نى مۇقىمسىزلاشتۇرۇش ئىغۋاگەرچىلىكىگە جاۋاب قايتۇرىمىز»

خىتاي «تەيۋەن بوغۇزى» نى مۇقىمسىزلاشتۇرۇش مەقسەت قىلىنغان ئىغۋاگەرچىلىككە جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇشتا بولدى.

1801756
«‹تەيۋەن بوغۇزى› نى مۇقىمسىزلاشتۇرۇش ئىغۋاگەرچىلىكىگە جاۋاب قايتۇرىمىز»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى باياناتچىسى ۋۇ چيەن، «تەيۋەن بوغۇزى» نى مۇقىمسىزلاشتۇرۇش ۋە خىتاينىڭ ئاساسلىق مەنپەئەتلىرىگە تەھدىت سېلىش مەقسەت قىلىنغان ئىغۋاگەرچىلىككە قارشى تۈرلۈك چارە - تەدبىرلەرنى قوللىنىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەيۋەندىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان دېموكراتىك ئالغا ئىلگىرىلەش پارتىيەسى دائىرىلىرىنىڭ، رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئۇرۇشى بىلەن تيۋەن ئارىلىنىڭ ۋەزىيىتىنى بىر - بىرىگە ئوخشىتىش تەشەببۇسىدا بولۇۋاتقانلىقىنى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى بىر قىسىم سىياسىيونلارنىڭ «خىتاي تەھدىتى» تەرىقىسىدىكى باياناتلىرى ئارقىلىق بۇ تەشەببۇسنى قوللاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېدى: «تەيۋەن ئۇكرائىنا ئەمەستۇر، تەيۋەن مەسىلىسى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرى بولۇپ، چەت ئەلنىڭ ئارىلىشىشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. ھەر قانداق ئادەم ياكى كۈچ، خىتاينىڭ قايتىدىن بىرلىشىشىنى توسىيالمايدۇ.»

ئىگىلىنىشىچە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى، «بىرلا خىتاي» پىرىنسىپىنى قوللىنىپ، تەيۋەننىڭ ئۆز زېمىنىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن. خىتاي، دېڭىز بوغۇزى ۋە ئەتراپىدىكى ھەربىي مەۋجۇدىيىتىدىن باشقا، تەيۋەننىڭ دۇنيا دۆلەتلىرى بىلەن مۇستەقىل دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشىغا، شۇنداقلا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە باشقا خەلقئارالىق تەشكىلاتلاردا ۋەكىللىك قىلىنىشىغا قارشى تۇرىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر