ئۇكرائىنا قوماندانلىق ئىشتابى رۇسىيەنىڭ تارتقان زىيانلىرىغا مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلارنى ئېلان قىلدى

ئۇكرائىنا ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابى رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ 2022-يىلى 24-فېۋرالدىن 24-مارتقىچە بولغان ئارىلىقتا تارتقان زىيانلىرىنى ئېلان قىلدى.

1801184
ئۇكرائىنا قوماندانلىق ئىشتابى رۇسىيەنىڭ تارتقان زىيانلىرىغا مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلارنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابى ئېلان قىلغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ 15 مىڭ 800 ئەسكىرى ئۆلتۈرۈلگەن. 108 ئايروپىلان، 124 تىك ئۇچار، 530 تانكا، 1597 بىرونىۋىك، 280 زەمبىرەك، 82 راكېتا سىستېمىسى، 47 ھاۋا قوغدىنىش سىستېمىسى، 1033 ھەربىي ئاپتوموبىل، تۆت دانە يىنىك تىپلىق پاراخوت، 72 يېقىلغۇ ئاپتوموبىل ۋە 50 دانە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى پاچاقلاپ تاشلانغان.

ئۇكرائىنا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ باياناتىدا، «ئىشغال ئاستىدىكى بېرديانسك پورتىدا ئىشغالچىلارنىڭ قارا دېڭىز فلوتىنىڭ ئورسك پاراخوتى پاچاقلاپ تاشلاندى» دېيىلدى.

ئۇكرائىنا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ فەيسبۇك بېتىدە، بېرديانسك پورتىدا پاراخوتنىڭ كۆيۈۋاتقانلىقى ۋە پارتلىشىغا ئائىت كۆرۈنۈشلەر ھەمبەھىرلەندى.

ئۇكرائىنا باش تەتپتىش مەھكىمىسى رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ 24-فېۋرال باشلىغان ھۇجۇمى سەۋەبىدىن 128 كىچىك بالىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 172 كىچىك بالىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

باياناتتا، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ بومباردىمانىدا 566 مەكتەپنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقى، بۇلاردىن 73 ىنىڭ پۈتۈنلەي ۋەيران بولغانلىقى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر