«شىمالىي كورېيە دېڭىزغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى»

جەنۇبىي كورېيە شىمالىي كورېيەنىڭ دېڭىزغا نامەلۇم باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

1801286
«شىمالىي كورېيە دېڭىزغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «‹يونخاپ› خەۋەر ئاگېنتلىقى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جەنۇبىي كورېيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، شىمالىي كورېيەنىڭ دېڭىزغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتقانلىقى، بۇ  بومبىنىڭ باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ياكى ئەمەسلىكىنىڭ تېخىچە نائېنىق ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىمۇ، شىمالىي كورېيە دېڭىزغا ئاتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا بولۇش ئېھتىماللىقىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان.

جەنۇبىي كورېيە دائىرىلىرى، 16 – مارت كۈنى «مەغلۇبىيەتلىك» باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بارغان شىمالىي كورېيەنىڭ پائالىيەتلىرىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقلىرىنى، شىمالىي كورېيەنىڭ 20 – مارت كۈنىمۇ  كۆپ قېتىم راكېتامىيوتلار ئارقىلىق سېرىق دېڭىزغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى  ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر