FBI: رۇس خاككېرلىرىنىڭ ئامېرىكا ئېنېرگىيە شىركەتلىرىگە ھۇجۇم قىلىش خەۋپى كۈچەيدى

ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI)، رۇس خاككېرلىرىنىڭ ئامېرىكادىكى ئېنېرگىيە شىركەتلىرىگە ھۇجۇم قىلىش خەۋپىنىڭ كۈچىيىپ كېتىش ئېھتىمالى بارلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

1800426
FBI: رۇس خاككېرلىرىنىڭ ئامېرىكا ئېنېرگىيە شىركەتلىرىگە ھۇجۇم قىلىش خەۋپى كۈچەيدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI)، رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىن كېيىن، رۇسىيە خاككېرلىرىنىڭ ئامېرىكادىكى ئېنېرگىيە شىركەتلىرىگە ھۇجۇم قىلىش خەۋپىنىڭ كۈچىيىپ كېتىش ئېھتىمالى بارلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

FBI نىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، رۇسىيە خاككېرلىرى ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان 5 ى ئېنېرگىيە شىركىتى بولۇپ  ئامېرىكادا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان 20 دىن ئارتۇق شىركەتنىڭ بىخەتەرلىك بوشلۇقىنى تېپىش ئۈچۈن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان.

رۇسىيە ئۇكرائىناغا ئۇرۇش ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ئېنېرگىيە شىركەتلىرىنىڭ رۇسىيەنىڭ تور ھۇجۇمىغا ئۇچراش خەۋپى كۈچەيدى.

مۇشۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا ئاقساراينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى مۇئاۋىن مەسلىھەتچىسى ئاننى نېبېرگېر بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيەنىڭ ئامېرىكاغا قارشى تور ھۇجۇمى قوزغايدىغانلىقى توغرىسىدىكى دۆلەت بىخەتەرلىك ئۇچۇرلىرىنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇل ئەسلىھە بىخەتەرلىك ئىدارىسى، تۈنۈگۈن 13000 دىن ئارتۇق شىركەتنى تور ھۇجۇملىرىغا قارشى بىخەتەرلىك ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشكە چاقىردى.

رۇسىيە ئارمىيەسى 24-فېۋرال ئۇكرائىناغا بېسىپ كىرىپ، ئىشغال ھەرىكىتى باشلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر