زېلېنىسكى: رۇسىيەنىڭ ئۇلتىماتومىغا ئەمەل قىلالمايمىز
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر زېلېنىسكى رۇسىيەنىڭ ئۇلتىماتومىغا ئەمەل قىلالمايدىغانلىقلىرىنى، بۇنىڭ پەقەت ئۇكرائىنا خەلقى پۈتۈنلەي ۋەيران بولغاندىلا ئاندىن مۇمكىن بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
1799559

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: زېلېنىسكى، ياۋروپا تاراتقۇلىرىغا بەرگەن باياناتىدا، 24 – فېۋرالدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇشنىڭ توختىتىلىشى ئۈچۈن رۇسىيە قويغان شەرتلەر ھەققىدە توختىلىپ، ئىشغال ئاستىدىكى شەھەرلەردە خەلقنىڭ رۇس ئەسكەرلەرگە قارشى جىددىي تىركىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «رۇسلار بىزگە، <ھاركىۋ، مارىئۇپول ۋە كىيېۋنى بېرىڭلار> دەۋاتىدۇ، نە بۇ شەھەرنىڭ ئاھالىسى، نە بۇ دۆلەتنىڭ باشلىقى ھەرگىزمۇ بۇنداق ئىشنى قىلمايدۇ، رۇسىيەنىڭ ئۇلتىماتومىغا بىز پۈتۈنلەي ۋەيران بولغاندىلا ئاندىن ئەمەل قىلالىشىمىز مۇمكىن.»
ئۇ يەنە، رۇسىيە بىلەن بولغان مۇزاكىرىلەردە مۇرەسسە قىلىدىغان مەسىلىلەر توغرۇلۇق ئۇكرائىنادا رېفېراندۇم ئۆتكۈزۈلۈشى كېرەكلىكىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.