تۇنىستا ئىككى پويىز سوقۇشۇپ كېتىپ، 95 كىشى يارىلاندى

تۇنىستا شەھەرلەر ئارا قاتنايدىغان ئىككى پويىز سوقۇشۇپ كېتىپ 95 كىشى يارىلاندى.

1799492
تۇنىستا ئىككى پويىز سوقۇشۇپ كېتىپ، 95 كىشى يارىلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۇنىس خەلق مۇداپىئە ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى مۇئاز تېرىيا پايتەخت تۇنىسنىڭ جەنۇبىدا ئىككى پويىزنىڭ سوقۇلشۇپ كېتىشى نەتىجىسىدە 95 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇئاز تېرىيا: «يارىلانغانلارنىڭ ھەممىسى پايتەخت تۇنىستىكى دوختۇرخانىلاردا بالنېستقا ئېلىندى. تۇنىس تۆمۈر يول شىركىتى ھادىسىنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرۈشنى باشلىدى» دېدى.

تۇنىس خەلق مۇداپىئە ئىدارىسىنىڭ باياناتىدا، سۇسا ۋىلايىتىدىن يولغا چىققان سۇسا پويىزى بىلەن جەنۇبىي تېز سۈرئەتلىك پويىزىنىڭ پايتەختنىڭ مەركىزى بېكىتىگە يېقىن جايدا سوقۇشۇپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.  

باياناتتا، سوقۇشۇپ كەتكەن ئىككى پويىزنىڭ بىرسىنىڭ قۇرۇق ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

 


خەتكۈچ: #پويىز , #تۇنىس

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر