شىۋېتسىيەدە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە قىلىنغان ھۇجۇم جانغا زامىن بولدى

شىۋېتسىيەنىڭ مالمو شەھىرىدە بىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە قىلىنغان ھۇجۇمدا 2 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

1799691
شىۋېتسىيەدە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە قىلىنغان ھۇجۇم جانغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مالمو ساقچى ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى رىكارد لۇندۋىۋىستنىڭ بىلدۈرۈشىچە، لاتىن تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى ھۇجۇمغا ئۇچرىغان، ھۇجۇمدا ئېغىر يارىلانغان 2 كىشى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان، بىر كىشى قولغا ئېلىنغان، 50 ياشتىن ئاشقان ئىككى ئايال دوختۇرخانىدا قازا قىلغان.

قولغا ئېلىنغان كىشى ۋە ھۇجۇم ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىگەن لۇندۋىۋىستنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ساقچىلار، شاھىتلاردىن مەلۇمات توپلاش ئارقىلىق ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ چىقىشقا تىرىشماقتا ئىكەن.

لۇندۋىۋىستنىڭ قەيت قىلىشىچە، ھۇجۇم يۈز بەرگەندە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە 50 كىشى بار بولۇپ، قازا قىلغان كىشىلەر ئوقۇغۇچى ئەمەس ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر