ئامېرىكانىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى باتارېيەسى ئەۋەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئۆتكەن ئايدا سەئۇدى ئەرەبىستانغا نۇرغۇن «ۋەتەنپەرۋەر» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى باتارېيەسى ئەۋەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

1798836
ئامېرىكانىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى باتارېيەسى ئەۋەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسىملىرىنىڭ ئاشكارىلىنىشى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئامېرىكالىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار «ۋال كوچىسى گېزىتى»گە بايانات بېرىپ، ۋاشىنگتوننىڭ ئۆتكەن ئايدا سەئۇدى ئەرەبىستانغا كۆپ ساندا ۋەتەنپەر ناملىق ھاۋا مۇداپىئەسى سىستېمىسى باتارېيەسى ئەۋەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مەزكۇر ئەمەلدارلار، رىياد ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ئىران ھىمايىسىدىكى يەمەن ھۇسىيلىرىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، ۋاشىنگىتوندىن ۋەتەنپەرۋەر ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى تەلەپ قىلىپ كەلگەنلىكىنى، ئەمما بۇ تەلەپنىڭ ئۇزۇنغا سۇزۇلغان بىخەتەرلىك كېلىشىملىرى سەۋەبىدىن ئەمدى قاندۇرۇلغانلىقىنى قەيت قىلدى.

خەۋەردە، سەئۇدى ئەرەبىستانغا قانچىلىك باتارېيەنىڭ، قاچان ۋە قانداق يەتكۈزۈلگەنلىكى توغرىسىدىكى تەپسىلاتلارغا ئورۇن بېرىلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر