كىيېۋدىكى سودا سارىيى بومباردىمانىدا جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى ئاشتى

ئۇكرائىنا رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ پايتەخت كىيېۋدىكى سودا سارىيىنى بومباردىمان قىلىشى نەتىجىسىدە، جېنىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ سەككىزگە چىققانلىقىنى بىلدۈردى.

1799249
كىيېۋدىكى سودا سارىيى بومباردىمانىدا جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا باش تەپتىش ئىدارىسىنىڭ باياناتىدا بىلدۈرۈلىشىچە، كىيېۋغا جايلاشقان پودىلسكىي مەھەللىسىدىكى سودا سارىيى بومباردىمانىدا، سودا ساراي زور چىقىمغا ئۇچرىغان.

رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ چەكلەنگەن قوراللار بىلەن بومباردىماندا قىلغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا: «دەسلەپكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، سەككىز كىشى جېنىدىن ئايرىلغان. جېنىدىن ئايرىلغانلار ۋە يارىلانغانلارغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار جەزملەشمەكتە. قۇتقۇزۇش خادىملىرى ۋە ھەربىي قىسىملار خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا» دېيىلدى.

ئۇكرائىنا جىددىي ئەھۋاللار خىزمەتلىرى ئىدارىسى بومباردىماندا تۆت كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، بىر كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر