ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى ئەتە ئۇكرائىنا كىرىزىسى ئۈچۈن بىر يەرگە جەم بولىدۇ

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار ۋە مۇداپىئە مىنىستىرلىرى ھەپتە بېشىدا بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئۇكرائىنا كىرىزىسى ۋە «ئىستراتېگىيىلىك كومپاس» قاتارلىق ھەر خىل مەسىلىلەرنى  مۇزىكىرىلىشىدىغان بولدى.

1798621
ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى ئەتە ئۇكرائىنا كىرىزىسى ئۈچۈن بىر يەرگە جەم بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەت كېڭىشى يىغىنى ئەتە بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

يىغىننىڭ بىرىنچى قىسمىدا ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى سۆز قىلىدۇ. ئاندىن تاشقى ئىشلار ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى ئورتاق يىغىنلارنى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

يىغىندا، ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئولېكسىي رېزنىكوۋ سىن ئارقىلىق رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ ئەڭ يېڭى ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە مولدوۋا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نىكو پوپېسكۇ بىلەنمۇ پىكىر ئالماشتۇرۇش پىلانلانماقتا.

كېڭەش يىغىنىنىڭ ئۇكرائىناغا مۇناسىۋەتلىك قىسمىدا، ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇداپىئە مىنىستىرلىرى ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي ئېھتىياجىنى مۇزاكىرىلىشىدۇ.

«ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كەلگۈسى 5-10 يىل ئىچىدە دۇچ كېلىدىغان خىرىسلارغا قارشى ھەرىكەتلىرى» گە يېتەكچىلىك قىلىدىغان ھۆججەت «ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك كومپاس» ىنىڭ تېكىستىمۇ ئەتە ياۋروپا تاشقى ئىشلار كېڭىشى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىدۇ.

بۇ ھۆججەت 24- ۋە 25-مارتتا ئۆتكۈزۈلىدىغان ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى يىغىنىدا رەھبەرلەرنىڭ تەستىقىگە سۇنۇلىدۇ.

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۈچۈن يېڭى تەھدىت ۋە خىرىسلارنى بەلگىلەيدىغان بۇ ھۆججەتنىڭ رۇسىيە - ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىن كېيىن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن  ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى كۈچلۈك شېرىكچىلىك، سىياسىي ئىتتىپاقلىق، ئىناقلىق ۋە بىر-بىرىنى تولۇقلاش» قاتارلىق ئۇقۇملارنى تەكىتلەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى ئەتە بۇلاردىن باشقا يەنە، سەھرايى كەبىر ۋە مالىنىڭ ۋەزىيىتىنىمۇ مۇزاكىرەىلىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر