زېلېنىسكى: رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان تاجاۋۇزچىلىقى توختىتىلىشى كېرەك
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر زېلېنىسكى رۇسىيەنىڭ 24 – فېۋرال كۈنى دۆلىتىگە قارشى قوزغىغان تاجاۋۇزچىلىقىنىڭ ئۇرۇشقا قارشى ئىتتىپاقداشلىقنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق توختىتىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: زېلېنىسكى، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، گۋاتېمالانىڭ ئۇكرائىنانى قوللاۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭدىن مىننەتدار ئىكەنلىكلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «گۋاتېمالانىڭ رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى كۈرىشىگە يۇقىرى باھا بېرىمىز. بۇ ئۇرۇشنى ھەممىمىز برلىكتە توختىتىشىمىز كېرەك. جۈملىدىن، رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقنى ئۇرۇشقا قارشى ئىتتىپاقداشلىقنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق توختىتىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. كېلىڭلار، ھەممىمىز مۈرىنى مۈرىگە تېرەپ، كۈرەش قىلىپ، بۇ ئۇرۇشقا خاتىمە بېرەيلى.»
ئۇكرائىنا رەھبىرى يەنە، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ پايتەخت كىيېۋ رايونىدىكى ھۇجۇملىرىدا يارىلانغان شەھەر ئاھالىلىرىنى دوختۇرخانىدا زىيارەت قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسرائىلىيە لىۋانغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاننىڭ جەنۇبىغا كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى.