ئۇكرائىنا رۇسىيەنىڭ ئارقا سەپ تەمىناتىدا ئېغىر مەسىلىلەرگە يولۇققانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
ئۇكرائىنا، رۇسىيە فېدېراتسىيەسى قوراللىق قىسىملىرىنىڭ ئارقا سەپ تەمىناتىدا ئېغىر مەسىلە بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
1797806

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا ئارمىيەسى باش قوماندانلىق ئىشتابى، رۇسىيەنىڭ 24 - فېۋرال ئۇكرائىناغا قارشى باشلىغان ھۇجۇملىرى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇكرائىنا زېمىنىغا بېسىپ كىرگەن رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ ھۇجۇم پۇرسەتلىرىنى كۆرۈنەرلىك قولدىن بېرىپ قويغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
باياناتتا: «تاجاۋۇزچى قىسىملار ھۇجۇم قىلىش كۈچىنى يوقاتتى، ھەر قايسى يۆنىلىشلەردە توختىتىلدى. دۈشمەننىڭ ئارقا سەپ تەمىناتىدا ئېغىر مەسىلىلەر بار بولۇپ، تالاپەتكە ئۇچراشنى داۋاملاشتۇرماقتا» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.
باياناتتا يەنە، «رۇسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ يەرلىك خەلققە قارشى ئۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلىۋاتقانلىقى» ئالاھىدە تەكىتلەندى.