ئامېرىكا رۇسىيە ۋە بېلارۇسىيە بىلەن سودا مۇناسىۋەتلىرىنى توڭلىتىپ قويۇشنى قارارلاشتۇردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئاۋام پالاتاسى رۇسىيە ۋە بېلارۇسىيە بىلەن بولغان نورمال سودا مۇناسىۋەتلىرىنى توڭلىتىپ قويۇش نىشان قىلىنغان قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى.

1797728
ئامېرىكا رۇسىيە ۋە بېلارۇسىيە بىلەن سودا مۇناسىۋەتلىرىنى توڭلىتىپ قويۇشنى قارارلاشتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت جو بايدىننىڭ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قارىتا 24 – فېۋرالدىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن، رۇسىيە بىلەن بولغان نورمال سودا مۇناسىۋەتلىرىنى توڭلىتىپ قويۇش توغرۇلۇق قارار چىقارغاندىن كېيىن ھەرىكەتكە ئۆتكەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئاۋام پالاتاسى، تۇنجى قەدەم تاشلىدى، بۇ دائىرىدە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ رۇسىيە ۋە بېلارۇسىيە بىلەن بولغان نورمال سودا مۇناسىۋەتلىرىنى توڭلىتىپ قويۇش نىشان قىلىنغان قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى.

قانۇن لايىھەسى، 424 ئاۋاز بىلەن قوبۇل قىلىندى، جۇمھۇرىيەتچى 8 پالاتا ئەزاسى قانۇن لايىھەسىنى رەت قىلىپ ئاۋاز بەردى.

قانۇن لايىھەسىنىڭ دۆلەت مەجلىسىنىڭمۇ تەستىقىدىن ئۆتۈشى كۈتۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر