ئىراندا 6 بال يەر تەۋرىدى

ئىراننىڭ جەنۇبىدىكى ھورمۇزگان ئۆلكىسىدە 6 بال يەر تەۋرىدى.

1797248
ئىراندا 6 بال يەر تەۋرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېھران ئۇنۋېرسىتىتى يەر تەۋرەش مەركىزىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، يەر تەۋرەشنىڭ مەركىزى ھورمۇزگان ئۆلكىسىنىڭ كۇخەرد ناھىيەسى بولغان ۋە شۇ يەرنىڭ ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 02:45 دە يەر يۈزىدىن 10 كىلومىتىر چوڭقۇرلۇقتا  6 بال يەر تەۋرىگەن.

ئىران دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەتراپتىكى شەھەرلەردىمۇ ھېس قىلىنغان ۋە ۋەھىمە پەيدا قىلغان بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشتە، ئادەم  ئۆلۈش ۋەقەسى ياكى ماددىي زىيان كۆرۈلۈپ - كۆرۈلمىگەنلىكى ھەققىدە تېخىچە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلىنمىغان.

ھورمۇزگان ئۆلكىسىنىڭ ئىراننىڭ جەنۇبىدىكى پارس قولتۇقى دېڭىز قىرغىقىغا جايلاشقانلىقى مەلۇم.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر