رۇس ئۇرۇش پاراخوتلىرى ياپونىيەنىڭ شىمالىدىن ئۆتتى

رۇسىيە دېڭىز ئارمىيەسى پاراخوتلىرىنىڭ ياپونىيەنىڭ شىمالىدىكى خوككايدو بىلەن رۇسىيەنىڭ ساخالىن ئاراللىرى ئارىسىدىن ئۆتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1796298
رۇس ئۇرۇش پاراخوتلىرى ياپونىيەنىڭ شىمالىدىن ئۆتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، ياپونىيە دېڭىز- ئوكيان مۇداپىئە ئارمىيەسىنىڭ، خوككايدونىڭ شىمالىدىكى سويا رايونىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا 130 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا رۇسىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ 6 پاراخوتىنى بايقىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، قوغلىغۇچى پاراخوت، سۇ ئاستى پاراخوتى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىز قوغلاش پاراخوتىدىن تەركىب تاپقان رۇسىيە فىلوتىنىڭ سويا بوغۇزىدىن ئۆتۈپ ياپونىيە دېڭىزىغا (شەرقىي دېڭىز) كىرگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

ياپونىيە دۆلەت تاراتقۇسى NHK ، رۇسىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ فېۋرالدىن بۇيان 20 ئۇرۇش پاراخوتى قاتناشتۇرۇلغان چوڭ تىپلىق دېڭىز ئارمىيەسى مانېۋىرى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۆتكەن ھەپتە، جەمئىي 10 رۇس پاراخوتى خوككايدو بىلەن ياپونىيە چوڭ قۇرۇقلۇقى خونشۇ ئارىلىقىدىكى تسۇگارۇ بوغۇزىدىن ئۆتكەنىدى.

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، كۇرىل تاقىم ئاراللىرى رايونىدا قۇرۇقلۇقتىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرى سىناق قىلىنغان ھەربىي مانېۋىرلارنى ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلغانىدى.

، ياپونىيە دېڭىز- ئوكيان مۇداپىئە ئارمىيەسىنىڭ، 24- فېۋرال ئۇكرائىناغا ئېچىلغان ئۇرۇشتىن كېيىن رۇسىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ياپونىيە ئەتراپىدىكى پائالىيەتلىرىنى كۆپەيتىشتىكى مەقسىتىنى تەھلىل قىلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر