ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەگە قارشى تۆتىنچى ئېمبارگو پىلانىنى تەستىقلىدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەگە يۇقىرى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلارنى ئېكسپورت قىلىشنى چەكلەشنى ۋە رۇسىيەدىن پولات-تۆمۈر ئىمپورت قىلىشنى چەكلەشنى، شۇنداقلا بەزى ئولىگارخلارنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنى توڭلىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۆتىنچى ئېمبارگو پىلانىنى تەستىقلىدى.

1795880
ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەگە قارشى تۆتىنچى ئېمبارگو پىلانىنى تەستىقلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى فىرانسىيە رۇسىيەگە قارشى تۆتىنچى ئېمبارگو پىلانىنىڭ تەستىقلانغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەت ۋەكىللىرى ئۆتكۈزگەن يىغىندا، رۇسىيەگە قارشى يېڭى ئېمبارگولارنىڭ تەستىقلانغانلىقىنى ۋە بۇ تەدبىرلەرنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رەسمىي گېزىتىدە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، تۆتىنچى ئېمبارگو پىلانىنىڭ رۇسىيە ئىقتىسادىنىڭ ئوخشىمىغان ساھەلىرىنى، بەزى كىشى ۋە ئورگانلارنى نىشان قىلغانلىقىغا ئىشارە قىلىندى.

ئېمبارگولارنىڭ بارلىق تەپسىلاتلىرى ھازىرچە ئېلان قىلىنمىدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ جۈمە كۈنى (11-مارت) تۆتىنچى ئېمبارگو پىلانى توغرىسىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، رۇسىيەنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتىدە ئېرىشكەن مۇھىم ئىمكانىيەتلەردىن ۋە رۇسىيە شىركەتلىرىنىڭمۇ ئېتىبار قىلىنىدىغان ئىمتيازلاردىن ئايرىلىپ قالىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

باياناتتا، رۇسىيەنىڭ خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى ۋە دۇنيا بانكاسى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە ئورگانلىرىدىكى ئەزالىقىنى توڭلىتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىلىدىغانلىقى، رۇسىيەنىڭ مەزكۇر ئورگانلاردىن قەرز ئالالمايدىغانلىقى ۋە پۇل-مۇئامىلە ساھەسىدە پايدىلىنالمايدىغانلىقى قەيت قىلىنغان ئىدى.

باياناتتا بۇنىڭدىن باشقا، رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىنغا يېقىن كىشىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىلىرى، پۇتىننىڭ قوللىغۇچىلىرىغا بېسىم قىلىشنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئېمبارگولاردىن قېچىش ئۈچۈن كرىپتو پۇل ئىشلىتىشىنىڭ چەكلىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن ئىدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلارنى رۇسىيەگە ئېكسپورت قىلىشنىڭ چەكلىنىدىغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن باياناتتا، پولات-تۆمۈر مەھسۇلاتلىرىنى رۇسىيەدىن ئىمپورت قىلىشنىڭ چەكلىنىدىغانلىقى، رۇسىيەنىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىگە يېڭى مەبلەغ سېلىشنىڭمۇ چەكلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

يېڭى ئېمبارگو رامكىسىدا، رۇسىيەگە 300 ياۋرودىن قىممەت بېلىق مۇرابباسى، ئىچىملىك، تاماكا، ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەر، ئەتىر، سومكا، پەلتو، كاستۇم-بۇرۇلكا، ئاياغ، كۆڭلەك، ئالماس، ئالتۇن ۋە قىممەتلىك تاش مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىشنىڭ، شۇنداقلا 50 مىڭ ياۋرودىن قىممەت ئاپتوموبىل سېتىشنىڭ چەكلىنىدىغانلىقى؛ رۇسىيەلىك مىلياردېر رومان ئابراموۋىچنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 15 كىشى ۋە توققۇز شىركەتنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈشى، مال-مۈلۈكلىرى توڭلىتىلغان كىشىلەرگە ساياھەت چەكلىمىسى قويۇلۇشى پەرەز قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر