سومالىدا مىنا پارتلاش ۋەقەسىدە نۇرغۇن ئەسكەر ئۆلدى
سومالىدا يولغا كۆمۈپ قويۇلغان مىنانىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە 9 ئەسكەر قازا قىلدى.
1795913
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سومالى تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سومالىنىڭ گېدو رايونىدا، يولغا كۆمۈپ قويۇلغان مىنانىڭ ئەسكەرلەر ئولتۇرغان ئاپتوموبىل ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا پارتلىشى نەتىجىسىدە، سومالىدىكى تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان كېنىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق 9 ئەسكەر قازا قىلغان، 5 ئەسكەر يارىلانغان.
ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېخىچە ھېچكىم ئۆز ئۈستىگە ئالمىغان.