زېلېنىسكى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە خىتاب قىلىدۇ

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر زېلېنىسكى 16 – مارت چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە خىتاب قىلىدۇ.

1795334
زېلېنىسكى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە خىتاب قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى نەنسى پېلوسى ۋە كېڭەش پالاتاسىدىكى كۆپ سانلىقلار رەھبىرى چاك شۇمېر، پالاتا ئەزالىرىغا مەكتۇپ يوللىدى.

مەكتۇپتا، مۇنداق دېيىلدى: «ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر زېلېنىسكى، 16 – مارت چارشەنبە كۈنى، شۇ جاي ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 9 دا دۆلەت مەجلىسى ۋە ئاۋام پالاتاسى بىرلەشمە يىغىنىدا، پالاتا ئەزالىرىغا خىتاب قىلىدۇ.»

مەكتۇپتا يەنە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئۇكرائىنا خەلقىنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقى تەكىتلەندى.

رۇسىيە ئارمىيەسى، 24 فېۋرال كۈنى ئۇكرائىناغا ھەربىي ھەرىكەت قوزغىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر