ئۇكرائىنا مۇزاكىرەدە رۇسىيەدىن دەرھال ئەسكەر چېكىندۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ

ئۇكرائىنا رۇسىيە بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان 4-قېتىملىق مۇزاكىرەلەردە، موسكۋادىن ئۇرۇش توختىتىشنى، ئەسكەرلەرنى چېكىندۈرۈشنى ۋە بىخەتەرلىك كاپالىتى بېرىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1795257
ئۇكرائىنا مۇزاكىرەدە رۇسىيەدىن دەرھال ئەسكەر چېكىندۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتلىق ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مىخائىل پودولياك تۋىتتېردا بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيە بىلەن 4-قېتىملىق مۇزاكىرەلەرنىڭ پات ئارىدا باشلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئۇ مۇزاكىرەلەرنىڭ قىيىن بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «رۇسىيە تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ بىمەنە ئىكەنلىكىنى بىلىۋاتىدۇ. ئۇكرائىنانىڭ تىنچلىقپەرۋەر شەھەرلىرىگە قارشى 19 كۈندىن بۇيان قىلىنىۋاتقان زوراۋانلىقنىڭ توغرا ئىستراتېگىيە تاللىشى ئەمەسلىكىنىڭ خاتالىقىنى تونۇۋاتىدۇ» دېدى.

ئۇ رۇسىيە ھەيئىيىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان 4-قېتىملىق مۇزاكىرەدە، كرېمىلدىن ئۇرۇش توختىتىشنى، ئەسكەرلەرنى دەرھال چېكىندۈرۈشنى ۋە بىخەتەرلىك كاپالىتى بېرىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇكرائىنا-رۇسىيە ھەيئئەتلىرىنىڭ 4-قېتىملىق مۇزاكىرەسى ئىنتېرنېتتا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

كرېمىل باياناتچىسى مىترىي پېسكوۋ ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش توختىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشلارنىڭ كېيىنكى قېتىملىقىنىڭ بۈگۈن پىلان قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

رۇسىيە ئۇكرائىناغا قارشى ئۇرۇش قوزغىغان 24-فېۋرالدىن (2022) تارتىپ بۈگۈنگىچە ئىككى تەرەپ ھەيئەتلىرى ئۈچ قېتىم مۇزاكىرە ئۆتكۈزدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر