ئۇكرائىناغا ھەر قايسى دۆلەتلەردىن پىدائىيلار بېرىشقا باشلىدى

ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دمىترو كۇلېبا ئۇكرائىنالىقلار بىلەن مۆرىنى مۆرىگە تىرەپ ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن 52 دۆلەتتىن پىدائىي جەڭچىلەرنىڭ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.

1790985
ئۇكرائىناغا ھەر قايسى دۆلەتلەردىن پىدائىيلار بېرىشقا باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كۇلېبا ئىنتېرنېت تورىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، بۈگۈن پۈتكۈل دۇنيانىڭ ئۇكرائىنانى قوللاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر زېلېنسكىينىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلغان رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ چەت ئەللىك جەڭچىلەرنىڭ ئۇرۇش قىلىشى ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ بەرگەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى خاتىرىلىتىپپ: «كەلگەن تەلەپلەرگە قاراپ چىقىۋاتىمىز. دۇنيانىڭ ئەركىن كىشىلىرىنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈشى خۇشاللىنارلىق ئىش. ھازىر 52 دۆلەتتىن تەجرىبىلىك جەڭچىلەر ۋە پىدائىيلار كېلىۋاتىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ئارزۇسى. بىز ئۇلارنى مەجبۇرلىمىدۇق ۋە تەشۋىق قىلمىدۇق. بۇ پەقەت ياخشىنى قوللاپ ئۇرۇش قىلىشنى تەلەپ قىلغانلارنىڭ ئارزۇلىرى» دېدى.

ئۇ ئۇكرائىنانى قوغداش ئۈچۈن  چەت ئەللىكلەردىن كەلگەن ئىلتىماس سانىنىڭ 20 مىڭغا يېقىنلاشقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە «G7» دۆلەت گۇرۇھى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رۇسىيەگە قارشى يېڭى ئېمبارگولارنى يۈرگۈزۈشىنى كۈتۈۋاتقانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ: «ئېمبارگو بېسىمى داۋاملىشىشى كېرەك» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر