«رافالې» ئايروپىلانلىرى پولشا ئاسمىنىدا ئۇچتى

فىرانسىيەنىڭ «رافالې» ناملىق ئايروپىلانلىرى پولشا ئاسمىنىدا 9-8 سائەت چارلاپ ئۇچتى.

1790908
«رافالې» ئايروپىلانلىرى پولشا ئاسمىنىدا ئۇچتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى «رافالې» ناملىق ئايروپىلانلارنىڭ پولشا ئاسمىنىدا چارلاپ ئۇچقانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشىنىڭ باشلىنىشى بىلەن، فىرانسىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ «رافالې» ئايروپىلانلىرىنىڭ ناتونىڭ شەرقي قانىتىدا، پولشا ئاسمىنىدا ئۇچقانلىقى قەيت قىلىندى.

«رافالې» ئايروپىلانلىرىنىڭ پولشانىڭ جەنۇبىدىكى مونت دې مارسان ھاۋا ئارمىيە بازىسىدا ئىككى قېتىم كۆككە كۆتۈرۈلگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، چارلاشتىن كېيىن، ئايروپىلانلارنىڭ فىرانسىيەگە قايتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بىلدۈرۈلىشىچە، 9-8 سائەتلىك چارلاش ئۇچۇشىغا، «C-135» ۋە «A330» تىپلىق ھاۋادا ماي قاچىلاش ئايروپىلانلىرى ھەمراھ بولغان.

فىرانسىيە ناتو تەركىبىدە رۇمېنىيەگە 500 ئەسكەر ۋە ھەربىي ئاپتوموبىللار، ئېستونىيەگە تۆت دانە ئۇرۇش ئايروپىلانى ۋە 200 دىن 250 كىچە ئەسكەر ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر